
ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئىجاد قىلىنىپ تارقىلىپ كېلىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدا شۇ تارىخىي دەۋر ھەمدە خەلقنىڭ ئارزۇ ئۈمىدلىرى جانلىق ھەمدە ئوبرازلىق نامايان بولىدۇ ، ھالبۇكى بەزى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تېكىستى ھەم ئاھاڭلىرى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگۈچە بولغان تۈرلۈك سىياسىي ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئۆزگەرتىلىش ھەمدە بۇزۇلۇشتىن مۇستەسنا بولالمىغان.
ئىلگىرى ئۆزبېكىستاندا تونۇلغان ، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مۇقامچى، يېتىشكەن سازەندە سۇلتان مەمەت ئاكا ئۇيغۇر مۇقاملىرى شۇنداقلا خەلق ناخشىلىرىنى ياش ۋاقىتلىرىدا ئىلىدىكى ناخشا ھەم مۇقام پىرلىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگەن بولغاچقا ، بۇ ناخشىلارنىڭ ئەسلىدىكى ئۆزگەرمىگەن ۋارىياتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا مۇيەسسەر بولغان .
رادىئومىزدا ئۈنگە ئالغان سۇلتان مەمەت ئاكانىڭ ئورۇنلىشىدىكى خەلق ناخشىلىرىدىن ھوزۇر ئالغاچ ، بۇ ناخشىلارنىڭ