شۋېتسىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك ئىشلىرى


2006.12.18

شۋېتسىيە شىمالى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقانلان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنى شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ مايىللىق تەرەپلىرىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ.

ئۇنداقتا شۋېتسىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك ئىشلىرى قانداق بولىۋاتىدۇ؟ شۋېتسىيىدە ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ تەرجىمانلىق ئىشلىرىنى بىردىن – بىر ئۆتەپ كېلىۋاتقان زۇلپىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

زۇلپىيە خانىم ئەسلى ئۆزبېكستاندىن 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا شۋېتسىيىدە كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر قىزى بولۇپ، 1962 - يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئەينى چاغدىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتىدە مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان شىرىپ باۋۇدۇننىڭ پەرزەنتىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.