بىر مېيىپنىڭ نىداسى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دائىما دېگۈدەك جەمئىيەت پاراۋانلىق خىزمەتلىرىنى بارغانچە ياخشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. يېقىندىلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەلق ئىشلىرى ئورگانلىرىمۇ مېيىپلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا ئىشلىرىغا مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقاندىن سىرت، مېيىپلارغا ھەقسىز ئۆي سېلىپ بېرىش قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا ھەقىقى ياردەمگە مۇھتاج مېيىپ كىشىلەر ياردەمسىز قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كېسەللىك سەۋەبىدىن ئېغىر دەرىجىدە مېيىپ بولۇپ قالغان، قەشقەردە ئولتۇرۇشلۇق مېيىپ ياش تاھىرجان، ئىگە، ياردەمسىز قالغانلىقتىن باشقا داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئېرىشەلمەي كېسەللىك ئەھۋالى بارغانچە ئېغىرلاپ كېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىگە چاقىسىز قالغان تاھىرجان، دوختۇر ھەم خەلق ئىشلىرى ئورگانلىرىنىڭ سوغاق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، "مەن چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن" دېگەن ئىشەنچ ھەمدە ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈش كۈچىدىن يېقىندا ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قولىنى سۇنىشىنى سوراپ مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغان.

تاھىرجان مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز دەردىنى ئاڭلاتتى.