ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى ئۆزقان ئىزگە ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

ئۆزقان ئىزگە ئەپەندى 1940 – يىلى تۈركىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئەنقارە ئۇنۋېرسىتېتى، تەيۋەن دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇپ تۈركىيىگە قايتقاندىن كېيىن، ھاجىتۆپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تارىخى بېرىپ كەلمەكتە.

پروفېسسور ئۆزقان ئىزگە ئەپەندى ۋاڭ يەندىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە يازغان ساياھەت خاتىرىسىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان بولۇپ، ئۇ كىتاب يېقىندا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ئۆزقان ئىزگە ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.