مۇستەقىل ئوبزورچى تېد رول ئەپەندى 15 - دېكابىر كۈنى " UExpress" دەپ ئاتالغان ئامېرىكىدىكى بىر ئىنتېرنېت مۇنازىرە بېتىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر پارچە ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ تېزدىنلا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئاپتور ماقالىسىدە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئوبرازى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى جانلىق تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشتا، ئامېرىكا باشلىغان تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن ئۇستاتلىق بىلەن پايدىلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتور تېد رول ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالغان تەسىراتلىرى ۋە كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىپ بەردى ھەمدە ئۇ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ماقالىنىڭ يېزىلىشىدىكى تۈرتكىلىك ئامىل
تېد رول زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆپ قېتىم بارغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئېلىگىمۇ ئىككى قېتىم بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى، شۇنداقلا كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار تېخى بىلمەيدىغان بۇنداق بىر مىللەتنىڭ خىتايدا ياشايدىغانلىقىدىن ئۆزىنىڭمۇ ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكىلىقلارنى سۆيىدىغان بۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئامېرىكا باشلىغان خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى ئۇنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ تۇنجى ماقالىسىنى يېزىشقا ئۈندىگەنلىكىنى بىلدۈردى: ئۇ مۇنداق دېدى:
"بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ 11 -سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتايغا قوشۇلۇپ، بىر ئۇيغۇر مۇستەقىل تەشكىلاتىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ ئاتىشى مېنى ھەيران قالدۇردى. چۈنكى، ئۇيغۇر خەلقى تېخىچە ئامېرىكىنى ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر قۇتقۇزغۇچىسى دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە بۇ، ئۇيغۇرلارنى شۇنداق ئەپسۇسلاندۇرىدىغان يامان خەۋەر. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار چوقۇم ئۆزلىرىنى سېتىۋېتىلگەندەك ھېس قىلغان بولىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ ئەھۋال مېنى بۇ ھەقتە بىرەر نەرسە يېزىشقا ئۈندىدى."
يىلىغا 300 مىڭ خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەۋاتىدۇ
تېد رول ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ماقالىسىدە يەنە، 40 يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلار باشچىلىقىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ ٪ 90 ئىدىن كۆپىنى ئىگىلىگەن بولسا، ھازىر خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ ئېقىپ كىرىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئاز سانلىق نوپۇسقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تىلغان ئېلىپ، " كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر رايونىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق يۈرگۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن يىلىغا 300 مىڭ خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەۋاتىدۇ" دەپ يازغان. ئۇ بىزنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سۇئالىمىزغا قارىتا، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئۆزى چىقارغان ستاتىستىكا ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، بۇ يەرنى خىتاي قاپلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
" يەنە بىر خىل ئاتىغاندا، بۇ بىر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى. نوپۇسنىڭ نورمال كۆچىشى- ئۇ باشقا بىر نەرسە، ئەمما بۇنىڭدەك زور تۈركۈمدىكى نوپۇسنى سېستىمىلىق ھالدا بىر رايونغا مەقسەتلىك يۆتكەش، نوپۇسنىڭ نورمال كۆچۈش چېكىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن ئەھۋال. بۇ ئوچۇقكى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى يىلتىزىدىن يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىق".
ئۇيغۇرلار ئامېرىكىنى دۈشمەن دەپ قارىمايدۇ
تېد رول ئەپەندى ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىنى سۆيىدىغان مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىكىنى يازىدۇ. ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە، ئۆزىنىڭ ئافغانىستانغا بارغاندا شۇ يەردە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ تالىبانلارغا چېتىلىپ قېلىشىدا ھەرگىزمۇ ئامېرىكىغا ئۆچلۈك غەرىزىنىڭ يوقلىقىنى، ئۇلارنىڭ دۈشمىنىنىڭ پەقەت كوممۇنىست خىتاي ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى دەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
" ئۇلار ماڭا ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستاندا پەقەت خىتايغا قارشى كۆرەش قىلىش ئۈچۈن چېنىققانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ ئامېرىكىغا ياكى باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتى يوق."
تېد رول ئەپەندى سۆزىدە يەنە، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، شۇنداقلا ئۆزىنىڭمۇ ھۆكۈمەتنى مۇشۇ جەھەتتىن خىجىل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىلىقلارنى سۆيىدىغان بۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدىكى ماقالىسىنى يېزىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىدىن خاپىلىق ۋە نارازىلىق چىقىپ تۇرىدۇ
تېد رول ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەپىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چىرايىدىن ئۇلارنىڭ ئېغىر بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداقلا ئۇ بۇ ھەقتىكى ھېس تۇيغۇلىرىنى ماقالىسىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى ۋە ياخشى سودا پۇرسەتلىرىنى پۈتۈنلەي خىتايلار ئىگىلەيدىغانلىقىنى شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ تولىمۇ نارازى ئىكەنلىكىنى يازغان. ئۇ مۇندا دېدى:
" ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن خاپىلىق ۋە نارازىلىق چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ماڭا تولىمۇ تراگېدىيىلىك تۇيۇلدى. خىتاي ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى يامان قىلدى. بۇ بىر رەزىللىك. بۇ پۈتۈنلەي خاتا. راست گېپىمنى ئېيتسام، ئۇيغۇرلار مەندىن قەيسەركەن. مېنىڭ بۇنداق بېسىمغا چىداپ تۇرالىشىمغا كۆزۈم يەتمەيدۇ."
تېد رول ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار داۋاسىنىڭ تېزراق خەلقئاراغا تونىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە خەلقئارانىڭمۇ بۇ جەھەتتە خىتايغا كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. تېد رول ئەپەندى نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى داڭلىق "يەرشارى ئاخبارات بىرلەشمىسى" دە كەسپىي ئوبزورچى بولۇپ ئىشلىمەكتە. (پەرىدە )