ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىگەن ئۈچۈرلارغا ئاساسلانغاندا ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەككىز شەھەردە تەسىس قىلغان خىتايچە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى بۇ يىل 9 - ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئوقۇش باشلىغان . بۇ سىنىپلارغا جەمى مىڭ نەپەر 14ياشتىن تۆۋەن خىتايدىن باشقا مىللەت بالىلىرى قوبۇل قىلىنغان .
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پارتكومى بۇلتۇر خىتاي مەركىزى كومىتىتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئەندىزىسىنى تەدبىقلاپ ، ئۇيغۇر رايونى ئۆزىدە يەنى ئۈرۈمچى، قاراماي ، شىخەنزە ، كۈيتۈن ، سانجى ، كورلا ، قۇمۇل ، ئاقسۇ قاتارلىق سەككىز شەھەردە ئۈيغۇرنى ئاساس قىلغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇتۇلىدىغان خىتاي تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى ئېچىشنى قارار قىلىپ 2004 - يىلى بۇ سىنىپلارغا جەمى مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئىدى .
ئۇيغۇر رايونى خەۋەر تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە ، بۇ يىل يېڭى ئوقۇش باشلىغان بۇ خىتايچە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ٪ 90 ئى يېزا قىشلاقلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئىكەن .
ياشقا ماس كەلمىگەن تەربىيە

تەڭرىتاغ تور بېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پارتكوم مۇئاۋېن سېكرىتارى نۇربەكرى 3- ئۆكتەبىر سانجى توڭگان ئوتتۇرا مەكتىۋېدە ئېچىلغان خىتايچە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىنى كۆزدىن كەچۈرگەن بولۇپ ، بۇ جەرياندا ئۇ خىتايچە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي ئىدىيىۋېي تەربىيىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ "ئۇلارنى قاتتىق ھەم تەلەپچان تۈزۈملەر بىلەن باشقۇرۇپ ، ئۇلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك" دەپ قاتتىق تەكىتلىگەن . ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا : "خىتاي پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىلەرگە يارىتىپ بەرگەن بۇ قىممەتلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ياخشى ئوقۇپ، پارتىيە -ھۆكىمەتنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىشىڭلار كېرەك ،"- دەپ سۆز قىلغان .
خەۋەرگە قارىغاندا ، سانجىدا ئېچىلغان بۇ خىتايچە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان يۈزگە يېقىن ئوقۇغۇچى ئاساسەن ئاقسۇدىن كەلگەن دېھقان بالىلىرى ئىكەن .
ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسسۇلى
كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى ھەمدە ئۇيغۇر رايونى ئىچىدە خىتايچە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تەسىس قىلىپ ئۇيغۇر بالىلىرىنى پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇتۇشى ، خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپ پىلانىنىڭ بىر قىسمى ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى نەچچە مىڭلاپ ئۇيغۇر بالىلىرىنى مۇشۇ خىل مائارىپ ئۇسۇلى بىلەن تېخىمۇ تېز خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا دەپ قارىماقتا .
شۇنداقلا خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى پۈتۈنلەي خىتاي مائارىپىدا تەربىيىلەيدىغان سىنىپلارنى كۆپەيتىشى ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىمۇ خىتايچە مائارىپنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇشى قاتارلىق ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ بىردەك نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ ، نۇربەكرىنىڭ خىتايچە ئوقۇتۇلىدىغان تولۇقسىز ئوتتۇر سىنىپلاردا سىياسىي ئىدىيىۋېي تەربىيىنى كۈچەيتىش ھەققىدە قىلغان سۆزى ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرىشىغا بولغان نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى ، بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باياناتچىسى “خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆزگۈرۈشلىرى ، ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىش ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى” دىگەن نارازىلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى :
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن ئاشكارلىنىشىچە ، خىتاي پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىغا ئاساسەن سەككىز شەھەردە ئېچىلغان خىتايچە ئوقۇتۇلىدىغان بۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىنى ئاساس قىلىپ % 90 مىللىي % 10 خىتاي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى بويىچە ، -2004يىلى مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان بولسا 2005 - يىلى ئۈچ مىڭ ، -2006يىلىغا كەلگەندە بەش مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى يىلدىن يىلغا كۆپەيتىپ داۋاملاشتۇرماقچى ئىكەن. 2008 - يىلىغا بارغاندا بۇ خىل خىتايچە تولۇقسىز ئوتتۇردا ئوقۇيدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار 15مىڭغا يېتىدىكەن . (گۈلچېھرە)