
"مىللى ستراتېگىيە" ۋە "يېڭى ئەسىردە تۈركىيىنىڭ مىللى ستراتېگىيىسى" قاتارلىق كىتابلارنىڭ يازغۇچىسى، تونۇلغان ستراتېگىيە ۋە تېررور مۇتەخەسسىسى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور نۇرۇللا ئايدىن ئەپەندى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇخبىرىمىزنىڭ تېررور ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
نۇرۇللاھ ئايدىن ئەپەندى تۈركىيىدە دۆلەت ۋە سىياسەت ساھەسىدە نۇرغۇن يېڭى ئۇقۇملارنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتە نۇرغۇن كىتاپ ۋە ماقالىلىرى بار.
نۇرۇللا ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورچىلىققا باغلاپ باستۇرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەق ۋە ھوقۇقى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە تېررورچىلىق ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دۆلەت تېررورى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ دوكتور نۇرۇللا ئايدىن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.
