"دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق رىشتىنى باغلاش" قا بارغان ۋەكىلنىڭ تەسىراتلىرى


2004.10.27

ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى مەسئۇللىرىدىن ئادالەت غاپپارىۋا ۋە ئاغىچا ھەمرايىۋا خىتاي تەرەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىرقانچە شەھەرلىرى ۋە خىتاينىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە 17 كۈن ساياھەتتە بولۇپ كەلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق رىشتىنى باغلاشنى مەقسەت قىلغان بۇ زىيارەتكە پاكىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر قاتناشقان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالمۇتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى خانىم قىزلارنىڭ رەئىسى ئادالەت غاپپارىۋا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ساياھەتتىن ئالغان تەسىراتلىرى ھەققىدە سورىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.