دېموكراتىك دۆلەتلەردە سانى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ چەتئەللەردىكى كۈچلۈك ئاۋازىغا ئايلانماقتا. بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، غەرب دۆلەتلىرىدىكى دېموكراتىيىنىڭ نېمەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا.
11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى گېرمانىيىدە چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار كەلگەن ئىدى. ئۇلار قۇرۇلتايدا ئەركىن پىكىر قىلدى، تەنقىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سايلاش، سايلىنىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ دېموكراتىك سايلام يولى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ لىدىرىنى سايلاپ چىققان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇلارنى تولىمۇ مەمنۇن قىلغان ئىدى. ئۇلار، دېموكراتىيىنىڭ ئەۋزەل شارائىتىدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر بولۇش سۇپىتى بىلەن دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىدىن مەھرۇم شەكىلدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ ئاۋازىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشنى ئۆزلىرىنىڭ بۇرچى دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ ھەقلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ھارماي تالماي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى دېدى.
مانا بۇلارنىڭ بىرى ھازىر شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئابدۇشۇكۇر ئەپەندىدۇر. ئۇ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىن قېچىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بۇنى مەخسۇس بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى دېدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، قېچىپ چىققان بۇ ئۇيغۇرلار تىل بىلمەسلىك، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىنى بىلمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۇ دۆلەتلەرگە ئورۇنلىشىش، ماسلىشىش جەھەتلەردە دەسلەپتە قەيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىكەن. شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تارماق تەشكىلاتلىرى مانا بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، تەشكىللىك ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك ئىكەن.
ئابدۇشۇكۇر ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىن غەربكە چىققاندىن كېيىن ھاياتىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، ئەركىن ئازادە ئىنساندەك ياشاشقا باشلىغانلىقىنى دېدى.