كانادادىكى بىر تۈركىيىلىك ئوقۇغۇچى ماگىستىرلىق دېسسىرتاتسىيەسىگە شەرقىي تۈركىستان تېمىسىنى تاللىدى(2)


2006.01.16

بىز ئالدىنقى پروگراممىمىزدا "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ھەققىدە" ناملىق، ئىلمىي ئەسەر ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان بۇرھان چېلىك بىلەن، ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققانلىغى ۋە خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانىدۇ. بۈگۈن بىز بۇرھان چېلىك ئەپەندى بىلەن، ئۇنىڭ ماقالىسىدىكى مەزمۇنلاردىن، خىتاينىڭ كۆچمەن كۆچۈرۈش، ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش سىياسىتى ۋە خىتاي بىلەن باشقا مۇستەملىكە ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر، شۇنداقلا خىتاينىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

خىتاينىڭ كۆچمەن سىياسىتى ۋە پىلانلىق تۇغۇت

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆچمەن كۆچۈرۈش سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئەمىلىيەتتە بىر بىرىگە زىچ باغلىنىدىغانلىغىنى، بۇنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ كەلگۈسىگە تەييارلىنىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇرھان چېلىك مۇنداق دەيدۇ:

"خىتاي 50-يىللاردىن باشلاپ شەرقى تۈركىستاندا ئۆزگىچە بولغان خىتايلاشتۇرۇش يەنى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەسلىدىكى نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇشتىن ئىبارەت سىياسەت ئېلىپ باردى. خىتاي شۇ تاپتا ئۇ يەردە 7 مىليون ئۇيغۇر، بىر مىليون ئەتراپىدا قازاق ۋە بەلگىلىك ساندا ئوزبەك، كىرغىز ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ بارلىغىنى ئەتىراپ قىلىدۇ. ئامما ئەينى ۋاقتىدا شەرقى تۈركىستاندىكى ئومۇمى نوپۇسنىڭ 70-80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇرلار ھازىر 50-ھەتتا40 %گە چۈشۈرۈلدى. نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى نىسبىتى چۈشتى؟ بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئازلىغىنى يوق، بەلكى ئۇ يەردىكى خىتاي نوپۇسى كۆپەيدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستانغا كۆچكەن خىتاي پۇقرالىرىغا ھەر خىل ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى يارىتىپ بېرىش ھېسابىغا، بۇ يەردىكى كۆچمەنلەرنىڭ سانىنى ئاشۇردى. ئەكسىنچە قاتتىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلىدى".

خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستانغا كۆچمەن كۆچۈرۈشتىكى مەقسىتىنىڭ كەلگۈسىدىمۇ شەرقى تۈركىستاننى ئوز قولدىن چىقارماسلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بۇرھان چېلىك بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

"ھازىر شەرقى تۈركىستان خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولسىمۇ، ئاپتونوم رايون دېگەن ئىسىم بىلەن باشقىلاردىن ئاز-تولا پەرق قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي كەلگۈسىدە بىر مەسىلە چىقسا ياكى دېموكراتىيىگە ئۆتسەك، بۇ يەردە بۇ رايوننىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى ئومۇمى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنى، يەنى خەلق مۇستەقىللىقنى خالىسا مۇستەقىللىقىنى بېرەيلى، ئەگەر خىتاينىڭ سىياسى تېررىتورىيىسى ئاستىدا قېلىشنى خالىسا ئاپتونوم دېگەن ئىسىمنى ئەمەلدىن قالدۇرايلى دېگەندەك ئويۇن ئۈچۈن تەيارلانماقتا.. مەن بۇنى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستانغا كۆپلەپ كۆچمەن كۆچۈرۈشنىڭ ماكرو پلانى قارايمەن. بۇنداق بولغاندا شەرقى تۈركىستانلىقلار ھەقسىز بولغانلىغى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاي داۋاملىق، سىستېمىلىق كۆچمەن كەچۈرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ زېمىننى خىتايغا تارتقۇزۇپ قۇيۇش ئەھتىماللىغىمۇ يوق ئەمەس. ئۇيغۇرلار بۇ خىل سۈيىقەستكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك".

ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىشى

خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپ ۋە باشقا ئورگانلاردا قوللىنىلىشىنى چەكلىگەنلىگىنىڭ سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش بولىدىغانلىغىنى بايان قىلغان چېلىك بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

"ئەگەر بىر ئەۋلات ياكى بىر ئىنسان ئوز تىلىدا مائارىپ تەربىيسى كۆرمىسە، ئۇ زامان ئانا تىلىنى ئۇنتۇيدۇ. ئالايلۇق، مانجۇ مىللىتى ئاساسەن ئوز تىلىنى يوقىتىپ، خىتايلاشتى. بىر مىللەتنىڭ باشقا بىر مىللەتنىڭ ئانا تىلىنى چەكلەشنىڭ ئۆزى مۇستەملىكىچى سىياسەتنىڭ بىر كۆرۈنىشىدۇر. مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، بالىلار خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. خىتايچە بىلمىسە خىزمەتكە كىرەلمەيدۇ. ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ ھەتتا، تېخنىكۇم بولالمايدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلار مىللى كىملىكىنى يوقاتسۇن، ئۇلار تارىختىن ئۆچسۇن، ئاخىرى بۇ تۇپراق بىزگە قالسۇن دېگەن مەنتىقىنى چىقىش قىلماقتا".

بۇرھان چېلىك سۆھبەت جەريانىدا يەنە، شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەتنى مۇستەملىكە قىلىۋاتقان خىتاينى باشقا كونا مۇستەملىكىچى ئەللەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىغى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ:

خىتاينى ئەنگىلىيە بىلەن سېلىشتۇرساق ئەنگلىيىدە ئادالەت، ئادالەت سېستىمسى ۋە دېموكراتىيە بار. خىتاي بولسا بۇلاردىن پۈتۈنلەي مەھرۇم. بىر پارتىيە ھاكىمىيىتىدىكى كوممۇنىستىك تۇزۇم بار. كومپارتىيە نىمە دېسە شۇ توغرا بولۇپ چىقىدۇ. ئىككىنچى بىر توغرىسى بولمايدۇ. ئەنگىلىيىنىڭ بۇرۇنقى مۇستەملىكىسى بولغان كانادا ۋە ئاۋسترالىيىدە قاراڭ. ئەنگىلىيە بۇ دۆلەتلەردىن كوپ مەنپەئەتلەرنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردىكى ئىنسانلارغا يۇقۇرى مائارىپ تەربىيسى بەردى. ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈردى. بۇ دۆلەتلەردە ئادالەت سېستىمىسىنى بەرپا قىلدى. بۇ ئىنسانلارغا ھۆرىيەت ئاتا قىلدى. ئامما خىتايچۇ؟ خىتاي شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەتنى ئىشغال قىلغاننى ئاز دەپ ئۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئاياق ئاستى قىلماقتا. ھەتتا بۇ يەردىكى خەلقلەرنى ئانا تىللىرىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرماقتا.

تېررور باھانىسى

بۇرھان چېلىك خىتاينىڭ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىنى سۇيى ئىستىمال قىلىپ، تىنچلىق يولى بىلەن، ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىغىنى، ئۇيغۇرلارغا قوشنا بولغان دۆلەتلەرنىڭ بولسا، بۇ جىنايەتكە شىرىك بولىۋاتقانلىغىنى بايان قىلىپ:

"ئۇيغۇرلار ئۇزۇن زاماندىن بەرى قانۇنى يوللار ئارقىلىق خىتايدىن ئايرىلىش، مۇستەقىل بولۇش ۋە ئىنساندەك ياشاش ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ كەلدى. ئامما خىتاي 11-سىنتەبىر ۋەقەسىنى بانا قىلىپ، شانغەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە قوشنا مەملىكەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى تەررورىست قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. گەرچە خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى تەشەببۇسلىرى تولۇق مۇۋاپىقيەتلىك بولمىغان يەنى خىتاي شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى ۋە مۇستەقىللىق ھەركىتى قانۇنسىز ۋە تېررورلۇق ھەركەت دېگەننى قوبۇل قىلدۇرالمىغان بولسىمۇ، ئامما شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر ۋە پاكىستانغا ئوخشاش قوشنا مەملىكەتلەرگە قىلغان بېسىملىرىنىڭ ئۈنۈمىنى كوردى. بۇ دۆلەتلەردىن نۇرغۇن بىگۇناھ ئۇيغۇرنى مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېلپى، ئۇلارغا ئۆلۇم جازاسى بەردى. ھەتتا يورۇقىدىكى بۇ دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۇپ بېرىشنى، بىر خىل تىجارەت ۋاستىسىغا ئايلاندۇرىۋالدى. گەرچە خىتاي بۇ دۆلەتلەردىن قايتۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ئۆلۇم جازاسى بېرىش ئارقىلىق، باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا سوغۇق سۇ سەپمەكچى بولغان بولسىمۇ، بۇ ۋەقەلەر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى، تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتتى. شۇنداقلا يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغىدى"، دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.