چەتئەللەردىكى خىتايلار 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى خاتىرىلەشنى ئۇنتۇمىدى(1)

0:00 / 0:00

مەركىزى نيو-يوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ليۇ چىڭ " 4 -ئىيۇن" تيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ 16 يىللىقىغا پەقەت بىر ھەپتىدىن ئوشۇق ۋاقىت قالغانلىقىنى، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ بۇ كۈننى خاتىرىلەشنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئەقىدە: ليۇ چىڭ ئەپەندى، " 4 - ئىيۇن" كۈنى يېتىپ كېلىشكە، پەقەت 9 كۈن ۋاقىت قالدى، تەشكىلاتىڭلار بۇ كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن قانداق تەييارلىقلارنى كۆرۈۋاتىدۇ؟ رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا بۇ ھەقتە قىسقىچە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

ليۇ چىڭ: نيو-يورك رايونىدا " 4 - ئىيۇن" ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش كومىتېتى قۇرۇلغان بولۇپ، بىز ھەر يىلى مەزكۇر كومىتېت بىلەن بىرلىكتە " 4 - ئىيۇن" نى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىمىز. بۇ يىلمۇ " 4 -ئىيۇن" نى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەييارلىقنى باشلىۋەتتۇق، يەنى 3 - ئىيۇن كۈنى ئاخشىمى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ نيو-يوركتا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا شام يېقىش كېچىلىكى ئۆتكۈزىمىز. ئەلۋەتتە بۇ كۈندە بىز ۋەتەن ئىچىدىكى " 4 - ئىيۇن" ھەرىكىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن دىڭ زىلىڭ قاتارلىقلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىمىز، بىر قىسىم ئائىلىلەر بىزنى شۇ دەۋىردە يۈز بەرگەن پاجىئەلەر بىلەن تەمىنلىدى. بىز قولغا چۈشۈرگەن شۇ ماتىرىياللارغا ئاساسەن تاشقى دۇنياغا خەۋەر تارقىتىمىز.

ئەقىدە: ليۇ ئەپەندىم، ئەگەر سىلەر ۋەتەن ئىچىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتساڭلار، ئۇلار خېيىم - خەتەرگە يولۇقمامدۇ؟

ليۇ چىڭ: بىز ئۇلار بىلەن ئالاقە ئورناتقاندا، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمايمىز، ئەلۋەتتە بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىمىز ئاشكارا بولىدۇ. مەسىلەن : " 4 -ئىيۇن" دا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن دىڭ زىلىڭ قاتارلىقلار بىلەن. دىڭ زىلىڭ ھازىر ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ،مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن سۆزلىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى ئۇ خەلقئارانىڭ ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا مۇھتاج.

ئەقىدە: ئۇنداقتا ئۇنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ؟

ليۇ چىڭ: ئەلۋەتتە ئىلگىرى دىڭ زىلىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمرىيى جياڭ پىڭكۈن، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. بىراق ئۇلار خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلسا، ئۇ چاغدا خەلقئارادا غۇل - غۇلا چىقىش بىلەن بىرگە ،ئۇلارنى قۇتقۇزۇش تەشەببۈسلىرى قوزغىلىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ئاسانلىقچە قول تەككۈزەلمەيدۇ.

ئەقىدە: ليۇ چىڭ ئەپەندى، ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەردىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ كۈننى قانداق خاتىرىلەيدىغانلىقىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ ئەگەر بولسا بۇ ھەقتىمۇ ئازراق سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

ليۇ چىڭ: ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلەردىن سىرت، 15 يىلدىن بۇيان خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھەتتا يەر شارى بويىچە " 4 - ئىيۇن" نى خاتىرىلەش كومىتېتى قۇرۇلغان ئىدى. مەزكۈر كومىتېتمۇ بۇ يىل ،بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىش بىلەن بىرگە، ھەر قايسى دۆلەتلەردە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ليۇ چىڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا 16 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن " 4 - ئىيۇن" ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلغانلىق قىلمىشلىرى، ھېچقاچان كۆمۈلۈپ قالمايدىكەن، بەلكى بۇنىڭ ئەكسىچە ، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى، پارچىلىنىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىن بولۇپ قالىدىكەن.