چەتئەللەردىكى خىتايلار 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى خاتىرىلەشنى ئۇنتۇمىدى(2)

0:00 / 0:00

مەركىزى نيو-يوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ليۇ چىڭ " 4 -ئىيۇن" تيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ 16 يىللىقىغا پەقەت بىر ھەپتىدىن ئوشۇق ۋاقىت قالغانلىقىنى، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ بۇ كۈننى خاتىرىلەشنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئەقىدە: ليۇ ئەپەندى ، 16 يىلدىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى 4 - ئىيۇن ھەرىكىتى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگىنى شۇنداقلا بۇ ھەرىكەتنى ئاقلىغىنى يوق، سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز ؟

ليۇ چىڭ : دەرۋەقە سىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى " 4 - ئىيۇن" ھەرىكىتىنى قوراللىق باستۇرغاندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاممىغا مەزكۇر قىرغىنچىلىق ھەققىدە ھەقىقىي بىر چۈشەندۈرۈش بەرگىنى يوق. ئۇلار ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ قانلىق ئاقىۋەتنى ئۇن - تۈنسىز بېسىقتۈرۋەتمەكچى بولدى. ئەلۋەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى شۇنىڭدەك ۋەقەدە يارىلانغانلار ئۆزلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان زىيانكەشلىككە ھەرگىزمۇ كۆز يۇممايدۇ ۋە شىكايىتىنى ھەرگىز توختاتمايدۇ ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " 4 - ئىيۇن" ھەرىكىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى قەتئى قوبۇل قىلمايدۇ. مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ، گەرچە 16 يىل ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، بىز يەنىلا توختىماستىن " 4 - ئىيۇن" نى خاتىرىلەپ كېلىۋاتىمىز. مەقسىدىمىز ھەقىقەتنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلاش. بۇ ئارقىلىق تەسىر قوزغاپ، كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش شۇنداقلا " 4 - ئىيۇن" ھەرىكىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا يول ئېچىش، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ۋەقەنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ چىقىشقا مەجبۇرلاش، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا دۆلەتنىڭ تۆلەم تۆلەپ بېرىشىنى، ۋەقە ئۈستىدىن ھەققانى خۇلاسە چىقىرىپ، مەزكۈر ھەرىكەتنى ئاقلىشىنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت.

ئەقىدە: سىزنىڭچە ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن " 4 - ئىيۇن" ھەرىكىتى ئۈستىدە ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈشى ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەققانىي بىر يەكۈن چىقىرىشى مۇمكىنمۇ؟ سىزنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟

ليۇ چىڭ : خىتاي ھۆكۈمىتى " 4 -ئىيۇن" ھەرىكىتىنى دەسلەپ ئەكسىلىنقىلابىي توپىلاڭ ھەرىكىتى دەپ ئاتىغان ئىدى. بىراق كېيىن " 4 - ئىيۇن" بورىنى دەپ ئاتاپ، كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن بۇ ۋەقەنى ئۇنتۇلدۇۋىتىشكە ئۇرۇندى. لېكىن ، ئۇلار شۇ چاغدا ئۆزلىرى سادىر قىلغان جىنايەتنى ھېچقاچان تونۇغىنى يوق ۋە بۇ جىنايىتىنى بوينىغا ئالغىنى يوق ، ئۇلار باشقا بىر باھانە - سەۋەپلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق تېنچ يوسۇندا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئاممىنى باستۇرۇش قىلمىشىنى توغرا دەپ كۆرسىتىشكە تېرىشتى. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى " 4 - ئىيۇن" ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى يۈكسەلدى دەپ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشىنى پۈتۈنلەي قانلىق باستۇرۇشتىن كېيىن ۋۇجۇتقا كەلگەندەك، دۆلەتنىڭ تېنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى شۇندىن ئېتىبارەن مەيدانغا كەلگەندەك قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشتى.

ھازىر، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشى ۋە ياكى پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئىقتىسادى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھېچقاچان، تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەت، ئاممىنىڭ ھەققانىي ھەرىكىتىنى باستۇرۇپ، خەلقنى خالىغانچە قىرىپ ئۆلتۈرسە بولىدۇ دەيدىغان پرىنسىپ يوق، بۇ بىر جىنايەت، شۇڭا، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى " 4 - ئىيۇن" ھەرىكىتىدە سادىر قىلغان جىنايىتىنى قوبۇل قىلمايدىكەن، ئۇنداقتا بۇ ھۆكۈمەت، بۇندىن كېيىن بۇنداق جىنايەتلەرنى داۋاملىق سادىر قىلىشى تۇرغان گەپ. شۇڭا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى چوقۇم ئۆز جىنايىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن ئەپۇ سورىشى ،ئۇلارغا تېگىشلىك جاۋابىنى بېرىشى كېرەك. ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن، ھەققانىيەت تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتىمۇ ھېچقاچان توختىمايدۇ.

ئەقىدە: سىزچە ، بۇ يىل " 4 -ئىيۇن" كۈنى ، تيەنئەنمىن مەيدانىدا ھۆكۈمەتكە قارشى بىرەر ھەرىكەت قوزغىلىشى مۇمكىنمۇ؟

ليۇ چىڭ : " 4 - ئىيۇن" ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن، كىشىلەر توختىماستىن تيەنئەنمىن مەيدانىدا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. مۇشۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن كىشىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. مېنىڭچە ، بۇ يىلمۇ تيەنئەنمىن مەيدانىدا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىشى مۇمكىن، بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن مەيدانىدا پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار بىلەن قوراللىق ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، مىنۇت ئىچىدە ۋە ھەتتا سىكۇنت ئىچىدە سەللا گۇمانلىق دەپ قارىغان كىشىلەرنى دەرھال قولغا ئالىدۇ. شۇڭا تيەنئەنمىن مەيدانىدا ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر ھېچقاچان ئۆز مەقسىدىگە يېتەلىگەن ئەمەس. بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىش ئىنتايىن ئاددى بولۇپ، ھازىر خىتايدا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، دېموكراتىيە دىگەنلەردىن قىلچە ئەسەر يوق .

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ليۇ چىڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا 16 يىل ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " 4 - ئىيۇن" ھەرىكىتىنى قوراللىق باستۇرۇلغانلىق قىلمىشلىرى ھېچقاچان كۆمۈلۈپ قالمايدىكەن. بەلكى بۇنىڭ ئەكسىچە ،خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ۋە پارچىلىنىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىن بولۇپ قالىدىكەن.