خىتاي تىلىنىڭ ئومۇمىلىشىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە مائارىپتىن تارتىپ باشقا ھەر قايسى ساھەلەردىن ئاستا - ئاستا سىقىپ چىقىرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىنىڭ ئومۇملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر تىلى تار دائىرىدە ئىشلىتىلىدىغان تىل بولۇپ قالماقتا. بۇ مەسىلە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا

يېقىندا رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسىدە بىر ياش بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ بارغانچە تارلاپ بېرىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتتە بولدۇق. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرىنى ئالدۇق.

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئۆز مۇخبىرىمىز گۇلچېھرە تەييارلىغان پروگراممىدىن ئاڭلاڭ