0:00 / 0:00
خىتاي زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەش كومىتېتى بىلەن، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى بىرلىشىپ، "غەربىي شىمالدىكى زەھەرلىك چېكىملىك جىنايەتلىرىنىڭ تەسىرى ھەققىدىكى دوكلات" ناملىق كىتابنى نەشر قىلىپ تارقاتتى. كىتابتا يۈننەن، گەنسۇ، ئۇيغۇر رايونى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە چېكىش ئەھۋاللىرىنى تەھلىل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، دەپ خۇلاسە چىقاردى.
تۆۋەندە كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە دىققەت قىلىڭ.
