ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بارغان پروفېسسور، دوكتور تىمۇر كوجائوغلۇ بىلەن سۆھبەت


2007.01.23

تۈركىيە كوچ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور تىمۇر كوجائوغلۇ ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بارغان. ئۇ 1-ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 19 -كۈنىگىچە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا كونگرېسى كۈتۈپخانىسى، جوھنس ھاپكېنس ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىلىرىغا ئوخشاش نۇرغۇن كۈتۈپخانا ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن باشقا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقان.

تىمۇر كوجائوغلۇ تۈركىيىگە قايتقاندىن كېيىن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدىكى تەسىراتى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە كېلەچىكى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.