خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۇغۇت سىياسەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قوشنىسى بولغان قازاقىستاندا 10 بالا تۇغقان ئانىلار قەھرىمان ئانا ئاتىلىدۇ. بالىلارغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ياردەم بېرىلىدۇ. بىراق، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق پىلانلىق تۇغۇت چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىككىدىن ئارتۇق تۇغقان ئانىلار ئىقتىسادىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە ئېغىر جازالارغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ كەلگەن، ئون بالىنىڭ ئانىسى بولغان خەيرىنىساخان ئانىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى سورىدى.