تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇرات قارايالچىن بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

مۇرات قارايالچىن تۈركىيە جۇمھىرىيىتىنىڭ سول قانات سوتسىيال دېموكراتلىرىدىن بولغان سابىق تاشقى ئىشلار ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى. ئۇ، ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم بىلەن خىتاي - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. قارايالچىن "بىزنىڭ تەلىپىمىز تۈركىستاندا جوڭگو چىگرىسى ئىچىدە ياشايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دېموكراتىك، مەدەنىيەت ۋە كىشىلىك ھەق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەكلىكى،" دەيدۇ.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.