ئۇيغۇرلارغا قىزىققان تۈركولوگىيە ھەۋەسكارى لوقمان باران بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشقا قىزىقىۋاتقانلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە. بۇلاردىن بىرى قىرغىزىستان تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى لوقمان باران ئەپەندىدۇر.

لوقمان باران ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ماگىستىر ئوقۇش مەزگىلىدە ئۇيغۇرچىنى قىزىقىپ ئۈگەنگەن. ماگىستىر ئىلمىي ماقالىسىنى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى، سەنئىتى ۋە ئەسەرلىرى تېمىسىدا تەييارلىغان. ئۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدىكى بۇ ماقالىسىنى يېزىش شۇنداقلا ئۇنىڭغا ماتېرىيال توپلاش مەقسىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ 3 ئاي تۇرغان ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ياردىمىگە ئېرىشكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنقەرەدىكى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم لوقمان باران ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىسى ۋە ئۈرۈمچى تەسىراتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.