قاھىرەدىكى «تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قىلغان خىزمەتلىرى

0:00 / 0:00

مۇندىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ «تۈركىستان جەمئىيىتى» ناملىق بىر جەمئىيەت قۇرغان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى تەشكىللىك ھالدا ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىگەننىڭ سىرتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن داۋاسىغا دائىر ماتېرىياللارنى ۋە كىتابلارنى نەشر قىلغان ئىكەن.

سىراجىددىن ئەزىزىي بىلەن سۆھبەت

سىراجىددىن ئە زىزى مۇنداق دېدى: « قاھىرەدە 1952- يىلدىن باشلاپ نەشر قىلىنىشقا باشلىغان « تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلىنىڭ 1955- يىلى 8- سانىدا «تۈركىستانلىقلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمىرىگە يازغان مەكتۇبى» دېگەن ماۋزۇدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: قاھىرەدىكى «تۈركىستان جەمئىيىتى» سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان «پاسپورتى بولمىغانلار ئۆزلىرى تەۋە بولغان دۆلەتنىڭ پاسپورتىنى ئېلىشى لازىم» دېگەن قارارى تۈپەيلى كۆپ بىئارام بولغانلىق خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىن، بۇ ئىشقا چارە ئىزدەشكە كىرىشتى. دەل شۇ ۋاقىتتا مىسىردا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ۋەلى ئەھدىسى ۋە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەمىر فەيسەل ئىبنى ئابدۇلئەزىز بار ئىدى. بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن «تۈركىستان جەمئىيىتى» ئۇستاز ئىبراھىم ۋاسىلىينى ئەمىر بىلەن كۆرۈشۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھازىرلانغان مەكتۇبنى تاپشۇرۇش ئىشىغا تەيىنلىدى . ئۇ ئەمىر فەيسەل بىلەن كۆرۈشتى. ئۇستاز ئىبراھىم ۋاسىلىي ئۇيغۇر ئېلىدىن سەئۇدىگە ھىجرەت قىلىپ، ئەرەبىستانىغا كېلىپ پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەيۋەننىڭ ياكى قىزىل خىتاينىڭ پاسپورتىنى ئالالمايدىغانلىقىنى، قاھىرەدىكى تەيۋەن ئەلچىخانىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىش ئىشلىرىغا نۇرغۇنلىغان توسقۇنلۇقلارنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي ھالدا يەتكۈزگەن ۋە ئەمىر فەيسەلمۇ بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان ئىدى. بۇ خۇشخەۋەرنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا ، خۇسۇسەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ھەمشەھەرلىرىمىزگە ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلغان ئىدۇق ».

ئەمىر فەيسەلگە يېزىلغان مەكتۇب

سىراجىددىن ئەزىزىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمىر فەيسەلگە يېزىلغان مەكتۇبنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: « سەئۇدى ئەرەبىستانى قراللىقىنىڭ ۋەلى ئەھدىسى ۋە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ھۆرمەتلىك فەيسەل جانابلىرى! 1949- يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ رۇسىيىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغانلىقى سەۋەبلىك، بىز تۈركىستانلىقلار دىنىمىزنى ۋە جېنىمىزنى قوغداش يولىدا يۇرتىمىزنى تاشلاپ، بۇ مەملىكەتكە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدۇق . بۇ جايدا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مېھرى - شەپقىتى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز غەمخورلۇقى، كەڭچىلىكى ، ياردىمى ۋە ھەر تۈرلۈك مېھرىبانلىقىغا ئېرىشىپ كەلدۇق . ئەينى ۋاقتىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم قرال ئابدۇلئەزىز جانابلىرىنىڭمۇ كۆپلىگەن ئىنئاملىرىغا نائىل بولغان ئىدۇق. مۇندىن كېيىنمۇ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا ۋە ھازىر بىز دۇچ كېلىۋاتقان مۇشكۈلىمىزنى ھەل قىلىپ بېرىپ، بىزنى غەمدىن قۇتۇلدۇرۇشىغا ئىمانىمىز كامىل»

تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: « ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەستىن سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا بولغان چەكسىز مېھرى - شەپقىتى تەجەللى قىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىدىن مەخسۇس قارار چىقىرىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار پاسپورتى ياكى دۆلەت تەۋەلىكىنى ئىسپاتلايدىغان كىملىكى بار ئۇيغۇرلار ۋە قولىدا ھېچ نەرسىسى بولمىغان ئۇيغۇرلار دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلدى. قولىدا پاسپورتى ياكى كىملىكى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نوپۇس ئىشلىرى ئىدارىسىگە بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دائىمىي تۇرۇش رۇخسىتىنى ئېلىشقا بۇيرىدى. بۇنىڭ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز سەرگەردانلىقتا ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن چوڭ بىر مۇشكۈلىنى يەڭگەن بولدى » . (ئۆمەرجان)

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەرجاننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.