تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، كۆپ تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم ئېلىشى ۋە تۈرك زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بولغان زىيارەتلىرىگە ئەگىشىپ، تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، فولكلورى ۋە ئەدەبىياتىغا بولغان تونۇشىمۇ ئاشتى.
تۈركىيە فولكلور تەتقىقات مەركىزى باشلىقى، تۈركىيە پاكىستان دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ناسسېردىن ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ كەلگەن تۈرك زىيالىيلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تۈركىيىگە تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان.
ئۇ ئۇيغۇر ئەدىپلىرىدىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيوف قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توپلام نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر شېرىيىتىنىڭ تۈركىيىدىكى بىرىنچى قېتىملىق تونۇشتۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ناسسېردىن ئەپەندى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.