تۈركىيىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ 71 ۋە 69 يىللىقىنى ئەسلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزمەكتە.

بۈگۈن 12- نويابىر كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شتاتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى.

خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيىدىن كەلگەن مېھمانلار ئىچىدىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىقى مەركىزىنىڭ رەئىسى سىيىت تومتۈرك ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ئابابەكرى ئەپەندى، تۈركىيە ھاجىتۆپەۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە تۈركىيە ياۋرو ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.