ئۆزبېكىستاندا يۈز بەرگەن ئەنجان ۋەقەسى داۋامىدا ئۆزبېك بىخەتەرلىك تارماقلىرى نامايىشچىلارنى باستۇرۇشتا، ئىشىكىگە تۈركىيىنىڭ بايرىقى بېسىلغان ھەربىي جىپلارنى ئىشلەتكەن.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى، ھەربىي توختامنامىلارغا ئاساسەن ئۆزبېكىستانغا ئىئانە قىلغان جىپ ماشىنىلارنىڭ خەلقنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىلگەنلىكىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت 12 يىلدىن بەرى تېخى تامامەن رېلىسقا ئولتۇرغىنى يوق. ئۆزبېكىستان دۆلەت باشلىقى ئىسلام كېرىموۋنىڭ بۇ يىل تۈركىيىگە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى 2006-يىلىغا كېچىكتۈرۈلۈشىمۇ بۇنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 1990-يىللاردا تۈركىيە بىلەن قاتتىق يېقىنلاشقان كېرىموۋ يېقىندىن بۇيان نېمە ئۈچۈن خىتايغا يېقىن سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە قوچ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور تېمۇر كوجائوغلى بىلەن سوھبەت ئېلىپ باردۇق.