تۈركىيىدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قاراشلىرى

0:00 / 0:00
dengir-firat.jpg
دەنگىر فىرات ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە.

تۈركىيىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى 2001-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلۇشىدىن بىر يىل كېيىنلا كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بىر سىياسى پارتىيە.

بۇ پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشتىن بۇرۇن پارتىيىنىڭ ھەر قايسى قاتلام رەھبەرلىرى تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى يوقلاپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تۈرلۈك ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى. ئەمما تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى، ھاكىمىيەت بېشىغا چىققىنىغا 3 يىل بولغان بۇ پارتىيىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچقانداق بىر ئىش قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

ئۆزلىرىنى دېموكرات، دىندار پارتىيە دەۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ھەتتا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرماقتا. تېخى ئۆتكەن ئايدىلا پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دەڭىر فىرات ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 5 كىشىلىك ھەيەت خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىتاينى زىيارەت قىلىپ كەلدى. بۇ پارتىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايدۇ؟

بۇ سوئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم مەزكۇر پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، يېقىندىلا خىتاينى زىيارەت قىلىپ كەلگەن دەنگىر فىرات ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.