
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرخىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تۈرك رەھبەرلەرنى خىتايغا تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ، ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلدۇرماقتا. بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركلەرنى ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە ئاپىرىپ ئۇلارغا تۇرمۇشى ياخشى ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىپ، ئىگىز ئىمارەتلەرنى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنى، ئىسىل مېھمانخانىلارنى ۋە مەسجىتلەرنى زىيارەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق تۈرك رەھبەرلەرنىڭ كۆزىنى بوياۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يېقىندا، تۈركىيە پارلامېنتى تۈرك-خىتاي پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق كومىسيونى باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى سالىھ كاپۇسۇز باشچىلىقىدىكى بىر ھەيەت خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق يەرلەرنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەفتىش ئەزاسى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتىتى تۈركىيە ۋەكىلى ئابدۇللاھ تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى ھەيئەت سالىھ كاپۇسۇزنى زىيارەت قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. بىز بۇ ئۇچرىشىش جەريانىدا سالىھ كاپۇسۇز ئەپەندىگە سۇئال سورىدۇق.
- سىز تۈركىيە - خىتاي پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق بىرلىكى باشلىقى ئىكەنسىز. خىتاي -تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق بىرلىكى قاچان قۇرۇلغان، پائالىيەتلىرى نىمە، بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز؟
- تۈركىيە بىلەن خىتاي ئىككىسىلا مۇھىم دۆلەتلەر. تارىخ بويىچە چوڭ دۆلەتلەرنى قۇرغان ھەم بىر- بىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلەرنى قۇرغان ئىككى مۇھىم مىللەت. خىتايلارنىڭ نازۇك مەسىلىلىرىگە بىزمۇ كۆڭۈل بۆلىمىز ۋە بۇ ھەم بىزنىڭ دۆلەت سىياسىتىمىز بولۇپ، بىز بىر جۇڭگو سىياسىتىنى ياقىلايمىز. خىتاي تېز تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت. خىتاي دۆلىتى بۇ تەرەققىياتىنى پۈتۈن دۆلەت بويىچە تەكشى ئېلىپ بېرىشى، كىشىلەرنىڭ ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى، دېموكراتىيىسى، دىن ۋە مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلىشى، ئۇلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بېرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك. خىتاي دۆلىتى ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرگە بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلاردا ياشاۋاتقان خەلقلەرگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىمايدۇ. بۇ ھەم شۇ رايونلاردا ياشايدىغان خەلقلەر ۋە خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن توغرا بىر قەدەم بولىدۇ. خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە ئۆتمۈشتە قىلغان خاتالىقلىرىنى تۈزۈتۈپ، بۇ مىللەتلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. بىز تۈركىيە- خىتاي پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەردائىم خىتاينى بۇ جەھەتتە ئاگاھلاندۇرۋاتىمىز. بىز خىتاينىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى تەقدىرلەيمىز. ئۇلارمۇ رايونلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادى تەڭپۇڭسۇزلۇقنى تۈزىتىمىز دەۋاتىدۇ. ئەگەر بۇلار تۈزۈتۈلسە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مەن رادىئوڭىز ئارقىلىق خىتايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا چىن كۆڭلۈمدىن سالاملىرىمنى يوللايمەن.
- ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى سالىھ كاپۇسۇز ئەپەندى، سىز ئەسلى قەيسىرىلىك، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىمۇ ياخشى بىلىسىز. ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىمۇ يېقىندىن تەقىپ قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن. سىلەر خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بارغاندا ئۇيغۇرلار سىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دەرتلىرىنى خىتاي رەھبەرلەرگە دەپ دىمەيدىغانلىقىڭلارنى، بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ بارمايدىغانلىقىڭلارنى بىلگۈسى كېلدۇ. بۇ مەسىلىلەر تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ئانچە كۆپ يەر ئالمايدۇ. سىلەر خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىڭلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتامسىلەر؟
- دوستلۇق سەمىمى بولۇشنى، ئوچۇق سۆزلۈك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. دوستلۇق ئىككى تەرەپنىڭ كەمچىلىكلىرى ۋە ئارتۇقچلىقلىرىنى دېيىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا بىز بىزگە دىيىلگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھىچ تەپ تارتماستىن خىتايلارغا دەۋاتىمىز، بۇ ھەم بىزنىڭ بۇرچىمىز. بىز پارلامېنت ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ مەسىلىلەرنى دەۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە پارتىيىمىز ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن يېقىن دوست، بىز ئۇلارغىمۇ سىز دىگەن مەسىلىلەرنى دەۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سەۋەنلىكلىرىمىزنى تۈزۈتۈپ، بىزگە جاۋاپ بېرىشىنى كۈتىۋاتىمىز.
- سىز ئۇيغۇر دىيارىدا قەيەرلەرنى ئايلاندىڭىز ؟
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. مەن بۇ قېتىمقى زىيارىتىمدە ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرگە باردىم. بىزنىڭ چوڭلىرىمىزدىن ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مازىرىنى زىيارەت قىلدىم. ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر ۋەتەنداشلىرىمىز بىلەن كۆرۈشتۇم ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئەتتىم. ئۇ يەرنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم.
- نىمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى ؟
- توغرىسى ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. ئۆزەمنى بەك بەختلىك ھېس قىلدىم. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەنە بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن.