ياش شائىر تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

ياش شائىر تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى خىتاي تۈرمىلىرىدە باش يىلدىن ئارتۇق ياتقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ، 2003- يىلى نويابىر ئايلىرىدا تۈركىيىگە كەلگەن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، كاناداغا مېڭىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.

شائىر تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتۈش ۋە "كۆك بايراق" ژورنىلى ۋە تور بېتىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىغا ياردەمدە بولغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم شائىر تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلىنى زىيارەت قىلدى.