خىتايدا 80 مىليوندىن ئارتۇق خەلق تېلېۋىزورسىز ياشىماقتا


2004.09.06

خىتايدا تا بۈگۈنگە قەدەر 570 يېزا - كەنت تېلېۋىزورسىز قالغان بولۇپ، 80 مىليون خەلق رادىئو ياكى تېلېۋىزورنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمەي ياشىماقتا. بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر رايونىدىكى نامرات جايلاردىمۇ زور بىر مەسىلە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

يېقىندا خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىدا،1998 - يىلىدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە پروگرامملىرىنى خىتاينىڭ بارلىق رايونلىرىغا تارقىتىشقاتىرىشىۋاتقانلىقى ھەمدە 2003 -يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 117 مىڭ يېڭى يېزا-كەنتتىكى خەلقلەرنى رادىئو ۋە تىلىۋىزىيە پروگرامملىرىنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بىر مىليارت 760 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.مەلۇماتتايەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2004 - ۋە 2005 -يىللىرىدا،توك سىمى تارتىلغان يېزا بازارلىرى ۋە 50 تىن ئارتۇق ئاھالىسى بار يېزا-كەنتلەرنىڭ رادىئو- تېلېۋىىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولىۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.