دۇنياغا تونۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۈچ يېڭى كىتاب (2)

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۈچ پارچە يېڭى كىتاب كەڭ تارقىلىپ چوڭ تەسىر پەيدا قىلماقتا. بۇ يېڭى كىتابلارنىڭ بىرى "شىنجاڭ دېگەن خىتايدا مۇسۇلمانلار تۇرىۋاتقان چېگرا رايون" ناملىق كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتورى فرىدېرىك ستار. 528 بەتلىك بۇ كىتاب شارپ نەشرىياتى تەرىپىدىن 2004 - يىلى 4 - ئايدا نيۇ-يوركتا ئېنگلىز تىلىدا نەشىر قىلىنغان. ئىككىنجىسى "شىنجاڭ دېگەن خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ يىراق جاي " ناملىق كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتورى مايكول دىللون. 240 بەتلىك بۇ كىتاب لوندا روتلىچ كۇرزۇن نەشرىياتى تەرىپىدىن 2003 - يىلى 12 – ئايدا ئېنگلىز تىلىدا نەشىر قىلىنغان. ئۈچىنچىسى "شىنجاڭ دېگەن خىتاي تەرىپىدىن غەربتە بويسۇندۇرۇلغان كەڭ زېمىن" ناملىق كىتاب بولۇپ، ئاپتورى كىرىستيىن تەيلېر. 320 بەتلىك بۇ كىتاب لوندوندا جوھن مۇررەي نەشرىياتى تەرىپىدىن 2003 - يىلى 8 - ئايدا ئېنگلىز تىلىدا نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتابلار ھازىر "كۆزۈتۈش ژئورنىلى" تەرىپىدىن خىتايلار ئارىسىدا كەڭ تۇنۇشتۇرۇلۇشقا باشلىدى.

خەن سۇلالىسىنىڭ 60 مىڭ تىجاۋۇزچى ئەسكىرىدىن ئاران ئون مېڭى خىتايغا تىرىك قايتقان

كىرىستيىن تەيلېرنىڭ "شىنجاڭ دېگەن غەربتە خىتاي تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان كەڭ زىمىن" ناملىق كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە، مىلادىدىن ئىلگىرى 104 - يىلىدا خىتاينىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ ۋۇدى پادىشاسى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان بۇ ئەلنى بۇيسۇندۇرۇش ئۈچۈن 60 مىڭ كىشىلىك قۇشۇن ئىبەرتكەن بولۇپ، خىتاي قۇشۇنى جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ، ئاخىرىدا ئاران 10 مىڭ ئەسكىرى خىتايغا تىرىك قايتىپ كېتەلىگەن. كېيىن خىتاي مىللەتچىلىكى تازا ئەۋج ئالغان مىڭ ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ياشايدىغان بۇ ئەلنى بويسۇندۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. تا مىلادى 18 - ئەسىرگە قەدەر خىتاي سۇلالىلىرى بۇ ئەلنى بۇيسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلەردە قىرىپ تاشلانغان يەرلىك خەلقنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ.

تارىختا خىتاينىڭ بۇ ئەلگە قاراتقان بوي سۇندۇرۇش ھەرىكەتلىرى مۇۋەپپىقىيەت قازانماستىن، بەلكى يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىقىنى ۋە نەپرىتىنى قوزغىغان ئىدى. چىڭ سۇلالىسى گۇمران بولغاندىن كېيىن 1949 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايچە"شىنجاڭ" دەپ نام بېرىلگەن بۇ ئەلنىڭ خەلقى خىتاي تىجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قۇرغان دۆلەتلەرنىڭ نامى ھازىرغا قەدەر بۇ ئەلدىكى خەلقنىڭ مىللەت بەلگىسى ۋە ئىززەت - ھۈرمىتىنىڭ سىمۇۋۇلى بولۇپ تۇرماقتا.

خىتاي مەدەنىيىتى نېمە ئۈچۈن بۇ ئەلدە قارشىلىققا ئۇچرىدى؟

ھازىر غەرب ئەللىرىدە تارقىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دائىر 3 پارچە يېڭى كىتابنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىردەك بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەر قايسى سۇلالىلىرى "خىتاي مەدەنىيىتى" دېگەن مەدەنىيەتنى شىنجاڭ دەپ ئاتىغان بۇ ئەلدىكى يەرلىك مەدەنىيەتلەردىن يۇقۇرى ئورۇنغا قويغان.

خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ ئەلدىكى يەرلىك خەلقلەرنى ساۋادىنى ئېچىشقا تېگىشلىك بولغان ياۋايى مىللەت، بۇ مىللەت ئىلغار خىتاي مەدەنىيىتىنى ۋە خىتايلارنىڭ بۇ جايغا كۆچۈپ كېلىشىپ يەرلىشىپ قېلىشىنى چوقۇم قارشى ئالىدۇ دەپ ئىشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە دەل مۇشۇ نۇقتا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بارغانسىرى كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىماقتا.

كوممۇنىست پارتىينىڭ سىياسىتى بۇرۇنقى سۇلالىلارنىڭكىدىنمۇ بەك تىجاۋۇزچىلىق

ئەنئەنىۋى غەرب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ھازىرقى جوڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى بويىچە ئەيتقاندا، ھازىرقى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن تارىختىكى مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. ھازىرقى سىياسەتلەر پەقەت تارىختىكى سىياسەتلەرنىڭ داۋامىدىنلا ئىبارەت، خالاس.

ئەمما ھازىر غەرب ئەللىرىدە تارقىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دائىر بۇ 3 پارچە يېڭى كىتابنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سىياسەتلىرى تارىختىكى خىتاي ھۆكۈمەتلىرىگە قارىغاندا خاراكتېرى تېخىمۇ بەك تېجاۋۇزچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىك.

مەسىلەن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇ ئەلدە ئىدېئولوگىيە جەھەتتە خىتاي مىللەتچىلىكىنى ۋە خىتايچە كوممۇنىزمنى كەڭەيتىپلا قالماي، بەلكى بۇ ئەلنىڭ ئۆزىدە ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن چىقىرىۋەتتى. كۆچمە چارۋىچىلارنى مەجبۇرلاپ مۇقىم تېرىقچىلارغا ئايلاندۇردى. بىرتەرەپتىن بۇ ئەلدىكى يەرلىك خەلقنىڭ نوپۇسىنى چەكلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئەلگە خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈپ كەلدى.

1941 - يىلى بۇ ئەلدە نوپۇسنىڭ 80٪ نى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ھازىر نوپۇسنىڭ 50٪ نىمۇ تەشكىل قىلالمايدۇ. بۇ ئەلنىڭ مول ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى خىتاي ئۆزىنىڭ شەرق تەرەپتىكى رايونلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە. مۇشۇ سەۋەپلەر تۆپەيلىدىن ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ چەتئەللەرگە كېتىشكە ياكى خىتايغا قارشى تۇرۇشتا تېخىمۇ رادىكاللىققا يۈزلەندى. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرغانسىرى ئۇيغۇرلار دۇنياغا شۇنچە بەك تونۇلماقتا.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ سىياسەت تۈزۈش جەھەتتىكى خاتالىقىدىن پايدىلىنىپ كەتتى

ئۇيغۇرلارغا دائىر بۇ 3 پارچە يېڭى كىتابنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ قارىشىچە، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىق تېررورچىلىق مەسىلىلىئىرىنى بىرتەرەپ قىلىشتا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن بىرنى تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكى، سىياسەت تۈزۈش جەھەتتىكى خاتالىق ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلارغا چېتىۋالدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دېگەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگىنىنىڭ مەنپەئەت ئارقىلىق قىزىقتۇرىشى ئارقىسىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاينى قوللىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى تېخىمۇ رادىكاللاشتى.

بۇ 3 پارچە يېڭى كىتابنىڭ ئاپتورلىرى خەلقئارالىق جەمىيەتلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا ئەركىنلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بۇ ئەلگە خۇددى خىتاينىڭ شەرقتىكى رايونلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، بۇ ئەلدە ئىقتىسادنى ئەركىن قويۇۋېتىش جەھەتلەردە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە، ئەگەر خىتاي بۇنىڭغا كۆنمىسە، خىتاينىڭ نېفىت قاتارلىق چەتئەللەرگە بېقىنمىسا بولمايدىغان ئەڭ ئاجىز نوقتىلىرىدىن پايدىلىنىپ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ مەجبۇرلاشقا چاقىرغان. (تۈگۈدى) (ۋەلى)