0:00 / 0:00
قازاقىستاندىكى، قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ۋەكىللىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىتايدا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەت ئېلىپ بارغان.
ئالدىنقى پروگرامىمىزدا مەزكۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ۋەكىللىرى قازاقىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، زىيارەت داۋامىدا ھىس قىلغانلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالماتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋەكىللىرىنىڭ زىيارىتى ھەققىدە توختالدى.