قەشقەر شەھىرىدىن مەلۇم بىر ئۇيغۇر، ھازىر شۋېتسىيىدە تۇرۇۋاتقان يۇرتدېشى ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى بايان قىلغان. بۇ ئۇيغۇر دۇنيادىن قانۇنىي ياردەم سورايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ نامى ۋە ئاۋازىنى ھازىرچە رادىئودا بېرىشنى خالىمايدىكەن.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ 2 - ۋە 9 - ئەترىتىدىن مەمەت تۇرسۇن ۋە قۇربانجان دېگەن ئىككى دىنىي زاتنى 'دىننى تەشۋىق قىلدىڭ' دەپ ساقچىلار تۇتۇپ كېتىپ، بىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن، يەنە بىرىنى قاتتىق زەخمىلەندۈرۈپ ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن.
ئۆز يۇرتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى بايان قىلغان بۇ كىشى 'قەشقەر دېگەن تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۆزىمىز ياشاپ كەلگەن بۇ زېمىندا، ھازىر ئۆزىمىزدە گەپ قىلىدىغانغا ئېغىز، مىدىرلىغىلى زېمىن يوق ' دەپ دەرت ئېيتقان.
ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن تېلېفون ئارقىلىق بايان قىلىنغان بۇ ۋەقەلىكتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋە مۇناسىۋەتلىك ساقچى ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلىپ ۋەقەنى ئېنىقلاشقا تىرىشتۇق. قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە شەھەرلىك ھۆكۈمەت تېلېفونى دەپ ئېلان قىلىنغان 9982823386 دېگەن نومۇرىدىن پەقەت تىجارەت ئېلانى چىقتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، تېلېفون نومۇرى سوراش ئىستانسىسىدىن ئېيتىپ بەرگەن نومۇر دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ ساقچىخانىسى بولماي، بەلكى توقۇمىچىلىق فابرىكىسى ساقچىخانىسى بولۇپ چىقتى. بۇ ساقچىخانىدىكىلەر تېلېفوننى ئالدى، دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ ساقچىخانىسىدىن سورىشىمىز لازىملىقىنى بايان قىلدى. دۆلەتباغ ساقچىخانىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بىلىش ئۈچۈن يەنە نومۇر سوراش ئىستانسىسىدىن قايتا سورىساق، بىزگە تېلېفون نومۇرىنى ئېيتىپ بەرمەي تېلېفوننى ئۈزىۋەتتى. (ۋەلى)