0:00 / 0:00
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي كادىرلارنىڭ ئورنى ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەۋجۇت مەسىلىلەرگە قىزىقامسىز؟ بۇ مەسىلىنى ئەلۋەتتە شۇ مىللىي كادىرلار ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە چوڭقۇر چۆككەن كىشىلەرلا ياخشى تەرىپلىسە كېرەك.
ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا زىيارەتكە كەلگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئالماتادا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مىللىي كادىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي ئورنى ھەمدە جەمئىيەتتىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى مەركەز قىلىپ سۆھبەت ئېلىپ باردى.