مەرھۇم سابىت ئابدۇراخماننىڭ "ئۇيغۇرنامە" سىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتلار

0:00 / 0:00

مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ "ئۇيغۇرنامە" ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر بۇ كىتاپنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى، مەدى نيىتىنى يەنىمۇ ئېنىق چۈشىنىش بىلەن بىرگە، نىمە سەۋەبتىن بۈگۈنكىدەك زۇلۇملارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ۋە قانداق قىلىپ ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.

بۇ پروگراممىمىزدا، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ مەزكۇر كىتابىنى تولۇق ئوقۇپ چىققان ئوقۇرمەنلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش ئاساسىدا تەييارلىغان مەلۇماتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.