خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ ئۇنۋان ئېلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

0:00 / 0:00

'نەزەر' ھەپتىلىك گېزىتى (بۇ ئەسلىدە شىنخۇا ئاگېنتلىقى قارىمىقىدىكى بىر گېزىت بولۇپ، كېيىن ھۆكۈمەت ئۇنى چەكلىگەن، ھازىر خەلق ئىچىدە مۇشۇ نام بىلەن نەشر قىلىنىۋاتقان تور گېزىتىمۇ بار) دە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدا كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ئىچىدە ھازىر 'ئىلمىي ئۇنۋان' ئېلىش دولقۇنى يەنە قوزغالدى. ئەمەلدارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋانى يىلدىن ‏- يىلغا يۇقىرى ئۆرلىمەكتە. بەزى ئەمەلدارلارنىڭ ھازىر بىر نەچچە خىل ئۇنۋانى بار. بىرىدىن‏- بىرى يۇقىرى. بەزى ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋاقتى يەتمىسە كاتىپلىرى مەكتەپكە بېرىپ دەرس ئېلىپ ئۇنىڭغا ئۇنۋان ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋانى بولسىمۇ، خىزمەت تېپىشى قېيىن

بۇ مەسىلە ھەققىدە ياۋروپادا چىقىدىغان 'غەرب شامىلى ژۇرنىلى'نىڭ تەھرىرى ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمى ئوبزور ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەمەل تۇتۇش ئۈچۈن ئۇنۋان ئېلىش ھادىسىلىرى خىتايدا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ناھايىتى ئېغىر، بۇ مەسىلىنى كوممۇنىست پارتىيە يالغۇز ھوقۇق تۇتىدىغان مۇستەبىت تۈزۈم شارائىتىدا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەقىقىي ئىلمىي ئۇنۋانى بار ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىپ، خىتايلارنىڭ ئۇنۋانى يالغان بولسىمۇ ئۇلارنى خىزمەتكە ئالىدىغان، ئەگەر ئۇيغۇرلار بۇنداق كەمسىتىشكە نارازى بولسا جازاغا تارتىلىدىغان ھادىسە ناھايىتى ئېغىر.

مەكتەپلەردىكى سىياسىي دەرس ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماقتا

ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ مائارىپ سېستىمىسىدا مەسىلە بار. مەكتەپلەردە 'سىياسىي دەرس' دەيدىغان بىرخىل دەرس بار. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىدىغان ۋاقتى ئىسراپ بولىدۇ، ئۇلار چەتئەللەردىكىدەك تولۇق ئىلمىي تەلىم ئېلىپ يېتىشىپ چىقالمايدۇ. بولۇپمۇ كوممۇنىستلارنىڭ ئىلىم سەۋىيىسى تۆۋەن، ئۇلارنىڭ تولىسى 'ئاكتىپ'لىقتىن كېلىپ چىققان، پارتىيە مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان شۇڭلاشقا ئۇلارغا ھازىر مەنسەپ تۇتۇش ئۈچۈن ' ئىلمىي ئۇنۋان' كېرەك بولماقتا. (ۋەلى)