"ئەمدى 1950-يىلدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار تارىخىنى تەتقىق قىلىمەن"


2004.12.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئىستانبۇلدىكى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپى تۈركىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتېرىياللارغا بولغان ئېھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى، ئىستانبۇل مىمارسىنان ئۇنۋەرسىتېتى تارىخ پەنلىرىنىڭ پروفېسسورى گۈلچىن چاندارلى ئوغلىنىڭ "سېرىق ئۇيغۇرلار ۋە كەڭسۇ رايونىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى" ناملىق كىتابى قايتا نەشر قىلىندى.

40 يىل ئاۋۋال يېزىلغان بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭسۇدىكى تارىخىي پائالىيەتلىرى تەتقىق قىلىنغان. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى كەڭ دائىرىدە يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ئۇيغۇرشۇناس گۈلچىن چاندارلى ئوغلى مۇخبىرىمىز نازۇكۇم بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا، مەزكۇر كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، ھەم ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەتقىقات تەمىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ 1950-يىلدىن كېيىنكى تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.