0:00 / 0:00
يېقىنقى يىللاردىن بېرى تەيۋەندە ئۇيغۇر تەتقىقاتى كۈندىن كۈنگە كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە لېكسىيىلەر ئىلمىي كونفېرانسلار چاقىرىلماقتا ئىكەن. بىز تەيۋەندىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تەكلىپكە بىنائەن تەيۋەن دۆلەتلىك سىياسەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس بېرىۋاتقان تۈركىيە ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوتسېنت دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، تايۋاندىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە لېكسىيە بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ تەيۋەندە ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بولغان قىزىقىشنىڭ ئارتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.