ئىسرائىلىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس Yitzhak Shichor بىلەن سۆھبەت(1)
2006.10.10
كۈنسېرى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىسرائىلىيىدىمۇ قىزىقىۋاتقانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە. يېرۇسالېمدىكى ھىبرۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى Yitzhak Shichor ئىسرائىلىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە ئىسرائىلىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقان كىشىلەرنىڭ بېرى ھېسابلىنىدۇ.
بىرنەچچە قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان ھەمدە بىر نەچچە قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىغان پروفېسسور Yitzhak Shichor، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەر يازغان بولۇپ، بۇ ماقالىلەر خەلقئارادىكى مۇھىم گېزىت ۋە جۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.
يېقىندا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يېغىنغا قاتناشقان پروفېسسور Yitzhak Shichor دۈشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ زىيارىتى جەريانىدا مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
ھۆرمەتلىك Yitzhak Shichor ئەپەندىم، سىز ئۇيغۇرلارغا قانداق قىزىقىپ قالدىڭىز؟ بۇ ھەقتە بىر ئاز مەلۇمات بېرەمسىز؟
"مىنىڭ 30 يىل بۇرۇن لوندوندا ئوقۇۋاتقان چېغىمدىكى دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيەم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ھەققىدە ئىدى. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى. بۇ تەتقىقاتتىن كېيىن مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دۇنياسى ۋە مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قول ئاستىدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىگە قىزىقىشقا باشلىدىم. بولۇپمۇ 1990-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىشقا باشلىدىم. دەسلەپتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر يەتكۈزگەنلىكى مىنى ئەڭ كۆپ قىزىقتۇرغان ئىدى. ئەمما كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى مىنىڭ ئەڭ كۆپ دىققىتىمنى تارتقان مەسىلە بولدى ۋە 1990 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمەن.
ئەپەندىم، سىز ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە نۇرغۇن ماقالىلەر يازدىڭىز. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى جىنايى جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ" دېگەن، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنى ھەمدە خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان ھۆججەتلىك فىلىمىگە قارشى يازغان ماقالىڭىز چوڭ غۇلغۇلا قوزغىدى. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ ماقالىڭىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سىزنىڭ خىتايغا كىرىشىڭىز چەكلەنگەن. بۇ ماقالىدە سىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى دەپ ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇنداق بىر ماقالە يېزىشىڭىزغا سەۋەب بولغان ئامىل نېمە؟
"بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ماڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى 2002 - يىلى يازدا ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىۋاتقان چېغىمدا بەرگەن ئىدى. ئۇلار دەسلەپتە بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ماڭا كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ماڭا بىر نۇسخىسىنى بەرگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتىن بېرى، بۇ ھۆججەتلىك فىلىم مەندە بار ئىدى. ۋاقتىم چىقسا ئانچە-مۇنچە كۆرۈپ قوياتتىم. بۇ فىلىمنى بىر نەچچە قېتىم كۆرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى بەزى خاتالىقلارنى، بۇ فىلىمدا ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ماسلاشمىغانلىقىنى سەزدىم. شۇنىڭدىن كېيىن بىر نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى ئويلىدىم. ئاۋۋال بىر ئىككى يىل بۇرۇن بۇ ھەقتە بىر ئىلمىي دوكلات تەييارلاپ ئامېرىكىنىڭ كولومبىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئىلىمىي مۇھاكىمە يېغىنىغا سۇندۇم ۋە ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھۆججەتلىك فىلىمى ھەققىدە ئۇزۇن بىر ماقالە يېزىپ ئېلان قىلدىم. بۇ ماقالە ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ھەمدە ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتلىرىنى تېررورچى دەپ كۆرسىتىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشتىم. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقى ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا تېررورچى دەپ قالپاق كىيگۈزۈشكە ئۇرۇنغانلىقى مىنى بۇ ماقالىنى يېزىشقا مەجبۇرلىدى".
ئەپەندىم سىز نىڭ ئىسرائىلىيە - لىۋان ئۇرۇشى جەريانىدا خىتاي- ھىزبۇللا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە يازغان ماقالىڭىزمۇ خىلى تەسىر قوزغىدى. خىتاي بىلەن ھىزبۇللا ئوتتۇرسىدا قانداق بىر مۇناسىۋەت بار؟ "بىزنىڭ خىتاي بىلەن ھىزبۇللا ئوتتۇرىسدا قانداق مۇناسىۋەت مەۋجۇت ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتىمىز يۇق. لېكىن ھىزبۇللا جەڭچىلىرىدە خىتاي قوراللىرىنىڭ تېپىلغانلىقى بىر رېئاللىق. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1990 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئىرانغا ساتقان قوراللىرى. بۇ قوراللار ئارىسىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق ناھايىتى ئېغىر تىپتىكى قوراللارمۇ بار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىزبۇللا ھەرىكىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتىنىڭ بار- يوقلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرانغا ساتقان قوراللىرىنىڭ ھىزبۇللانىڭ قولىغا چۈشۈپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىغانلىقى ئېنىق. خىتاينىڭ لىۋاندىكى ھىزبۇللا ھەرىكىتى بىلەن بىۋاستە بولمىسىمۇ ۋاستىلىق بىر مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما قولىمىزدا بۇنى ئىسپاتلايدىغان بىر پاكىت يوق".
ئەپەندىم سىز قانچە قېتىم شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدىڭىز؟ بۇ زىيارەتلەردىن ئالغان تەسىراتىڭىز نېمە؟
"مەن بىر نەچچە قېتىم شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولدۇم. تۆت قېتىمدەك شەخسى زىيارەت قىلدىم. بۇ زىيارەتلىرىمدە ئاساسەن قۇرۇقلۇق ئارقىلىق يەنى قىرغىزىستاندىن تورغات ئارقىلىق قەشقەرغە بېرىپ، قەشقەردىن ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلارغا باردىم. تۇرپاندىن خىتاي ئۆلكىلرىگە ۋە بېيجىڭغا بىرىپ، زىيارەت قىلدىم. ئاخىرقى قېتىم شەرقىي تۈركىستاننى 2002 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تەكلىپى بىلەن زىيارەت قىلدىم. ئاخىرقى زىيارىتىمدە ئون كۈن قالدىم. بۇ زىيارىتىم جەريانىدا ئۈرۈمچى، غۇلجا، كۈيتۇن ۋە شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەرگە باردىم. بۇ مىنىڭ شىنجاڭنى ئاخىرقى قېتىم زىيارەت قىلىشىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زىيارەتتىن كېيىن ماڭا شىنجاڭغا بېرىش ئۈچۈن ۋىزا بەرمىدى. ۋىزا ئۈچۈن قىلغان پۈتۈن ئىلتىماسىم جاۋابسىز قالدى. (داۋامى بار) (قانات)
- چەتئەللىكلەرنىڭ قارىشىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى (2)
- چەتئەللىكلەرنىڭ قارىشىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى (1)
- ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى تۈركىيىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئورخان قاۋۇنچۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى، تۈرك ئوچاقلىرى جەمئىيىتى نۇرى گۇرگۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- ئۇيغۇرلارغا قىزىققان تۈركولوگىيە ھەۋەسكارى لوقمان باران بىلەن سۆھبەت
- ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىدىكى تۆھپىكار - قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخشۇناسى، دوكتور گېگېل ئىسھاقوپ(1)
- تۈركىيە مىللەت پارتىسى باشلىقى ئايقۇت ئەدىبالى ئەپەندى بىلەن ئۇيگۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت
- تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇرات قارايالچىن بىلەن سۆھبەت
- ئۇيغۇر ۋەكىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سابىق مۇئاۋىن دۆلەت مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
- تارىخشۇناس ئالىم باي مىرزا ھېيتنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى ھەققىدىكى قاراشلىرى (2)