ئىسرائىلىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس Yitzhak Shichor بىلەن سۆھبەت(2)


2006.10.12
shichor-150.jpg
ئىسرائىلىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس Yitzhak Shichor image courtesy:http://east-asia.haifa.ac.il

تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ ئىسرائىلىيىلىك پروفېسسور Yitzhak Shichor بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تېررورچى دەپ ئەيىبلەشلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يازغان ماقالىلىرى ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبتىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۇ شۇ سۆھبەتنىڭ داۋامى.

ھۆرمەتلىك Yitzhak Shichor ئەپەندىم، سىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىزنىڭ ۋىزا ئۈچۈن قىلغان ئىلتىماسلىرىڭىزنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتتىڭىز. ۋىزا ئىلتىماسىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن رەت قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتىڭىز بارمۇ؟

"مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى جان ھاپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان "شىنجاڭ تەتقىقاتى" پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقىم ئۈچۈن مىنى خىتايغا كىرىشى چەكلەنگەن كىشىلەر قارا تېزىملىكىگە كىرگۈزىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئامېرىكىدا ھەتتا دۇنيادا شىنجاڭ ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى كەڭ كۆلەملىك تەتقىقات ھېسابلىنىدۇ. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىدە "شىنجاڭ مەسىلىسى" ناملىق بىر كىتاب نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابقا ھەسسە قوشقان يەنى بۇ كىتابتا ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ 9 نىڭ خىتايغا كىرىشى چەكلەنگەن. مەن بۇلارنىڭ بېرى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ تەتقىقاتىغا قاتنىشىپ، بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىدە نەشر قىلىنغان "شىنجاڭ مەسىلىسى" ناملىق كىتابقا ھەسسە قوشقانلارغا بۇنداق پوزىتىسىيىدە بولۇشى ئەجەپلىنەرلىك بىر ھەرىكەت. چۈنكى بۇ بىر ئىلمىئى تەتقىقات ۋە كىتابمۇ بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى. بۇ ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ھەمدە بۇ نۇرغۇن خىتاي رەسمىي ھۆججەتلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ماڭا نېمە ئۈچۈن ۋېزا بېرىلمىگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىدى. ئەمما مىنىڭ پەرەز قىلىشىمچە، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن".

Yitzhak Shichor ئەپەندىم، سىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تەكلىپى بىلەن بىر نەچچە قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلدىڭىز. خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكىنىڭىزدە ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى قانداق تەسۋىرلىدى؟

"ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنى چۈشەندۈرۈشىمۇ ناھايىتى كۈلكىلىك. ئۇلارنىڭ ئاۋۋال بەرگەن مەلۇماتى بىر ئاز كېيىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئوخشمايدۇ. مەن 1992‏- يىلى خىتاينى زىيارەت قىلغىنىمدا. شاڭخەيدە خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۆھبەتتە، خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە سۇئال سوراپ، دۇنيا مەتبۇئاتىدا بارىن ۋەقەسى توغرىسىدا ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي توقۇنۇش ھەققىدە چىققان خەۋەرلەرنى ئەسكەرتتىم. يېغىندىكى خىتاي ئەمەلدارلرى بۇ خەۋەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدا ۋەزىيەتنىڭ تىنچ ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتكە قارشى ھېچقانداق نارازىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. بىز باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدە سۈھبەتلىشىپ، ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئوخشاش سۇئالنى يېغىندىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن باشقىچە ئۇسۇلدا قايتا سورىدىم. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ جاۋابى بىر ئاز ئاۋۋال بەرگەن جاۋابىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىدى. ئۇلار تۇراقسىزلىق ۋە توپىلاڭلارنى شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە قىلىپ كۆرسەتتى. دېمەك خىتاي ئەمەلدارلىرى شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنى تەسۋىرلىگەندە داۋاملىق بىر-بىرىگە زىت سۆز قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار بىر تەرەپتىن چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنى ناھايىتى تىنچ ۋە بىخەتەر كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ۋاڭ لېچۈئەنگە ئوخشاش خىتاي ئەمەلدارلىرى شىنجاڭدا ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى كەسكىن ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ".

ئۆزىڭىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتى قانداق؟

"مەن 5 ھەتتا 6 قېتىم شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولدۇم. ۋەزىيەتنىڭ تىنچ ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. مىنىڭچە ئۇ يەردە بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرى دېگەندەك تېررورلۇق پائالىيەتلىرى مەۋجۇت ئەمەس. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتلاردىمۇ 1998‏- يىلىدىن كېيىن ھېچقانداق تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. بەزى كىچىك توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ كىچىك توقۇنۇشلارنى تېررورلۇق ۋەقەلىرى دەپ كۆرسىتىش مۇمكىن ئەمەس".

Yitzhak Shichor ئەپەندىم، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقىدىن، ھەتتا ئۇيغۇرلارنى بىر مىللەت سۈپىتىدە يەر يۈزىدىن يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا. سىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارەتلىرىڭىز جەريانىدا بۇ شىكايەتنىڭ دەلىللرىنى كۆردىڭىزمۇ؟ سىزچە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى تەھدىت قىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىل نېمە؟

"مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىغىنىمدا، ئۇيغۇرلار بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش پۇرسىتى تاپالمىدىم. چۈنكى قايسى يەرگە بارسام خىتاي ھۆكۈمەت ئادەملىرى مىنىڭدىن ئايرىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن ئەركىن -ئازادە سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلىيالمىدىم. ئەمما مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك مەسىلە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەھدىت ئاستىدا قالغانلىقىدۇر. چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى نۇرغۇن بايلىقلىرىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مائارىپ سىياسىتى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلىشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن ناھايىتى خەتەرلىك بىر زەربە ھېسابلىنىدۇ. مەن بىر خىتاينىڭ شامىن ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلغىنىمدا ئۇ يەردىكى خىتاي پروفېسسورلار بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلار ماڭا ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىن ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلەرنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى بۇ يەرلەردىكى مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئورۇنلاشتۇرماقتا. بۇ ياش ئۆسمۈرلەر خىتايدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش جەريانىدا ئۆز مىللىي كىملىكىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇلارغا ئىسلام دىنىي تەلىم تەربىيىسىنى چەكلىشىنى، ئۇيغۇر ياش‏- ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ قويۇشىنى تېخىمۇ تىزلەشتۈرىدىغان بىر ھەرىكەت دەپ قارايمەن. مەن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنى رادىكالىلىشىۋاتىدۇ دېگەن پىكرىگە قوشۇلمايمەن. مېنىڭچە خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى داۋاملاشسا شىنجاڭدا ئىسلام پۈتۈنلەي ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

بەرگە مەلۇماتىڭىز ئۈچۈن رەھمەت Yitzhak Shichor ئەپەندىم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.