بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان 10 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، مەزكۇر جايدىكى نوپۇس مەسىلىسىنى ، بولۇپمۇ قەشقەر ، خوتەن ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق رايونلاردىكى نوپۇس مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى نامراتلىق مەسىلىسىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، "جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامرات بولۇشى مەزكۇر جاينىڭ نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان. شۇڭا بىز قەشقەر ، خوتەن ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق بۇ جايلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تېخىمۇ ئىزچىل ھالدا كەسكىن ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك شۇنداقلا مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، مەزكۇر جايلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت دېھقان ئائىلىلىرىنى ئىككى بالا ئېلىشقا چاقىرىشىمىز كېرەك " دەپ كۆرسەتكەن. ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى چارە ۋە تەدبىرلەر ھەققىدە توختىلىپ، " مەزكۇر جايلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئەڭ مۇھىمى ئالدى بىلەن بۇ جايلارغا بارىدىغان تۆمۈر يوللىرىنى كۆپەيتىشىمىز ۋە كېڭەيتىشىمىز كېرەك " دەپ كۆرسەتكەن.
ۋاڭ لېچۈەننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.