دىلشات رىشىت: "ۋاڭ لېچۈئەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رەھبىرى ئەمەس، ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئەڭ چوڭ جىنايەتچىسى"
2006.10.26
ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 7 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا قايتا ئاپتونۇم رايونىنىڭ پارتكوم باش سېكرېتارلىقىغا سايلىنىشى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاسلار ھەمدە نارازىلىق قوزغىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا بايانات بەردى.
دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا "ۋاڭ لېچۈەن خەلقنىڭ ئىرادىسى بىلەن سايلانمىغان. بىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرۇشىنىڭ ئۆزى، بۇ جايدا ئاپتونومىيىنىڭ ئەمەلىلەشمىگەنلىكىنى، شۇنداقلا يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
©
2006 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا داۋاملىق ئولتۇرماقچى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىنى كۈچەيتمەكتە
- ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىدىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ
- ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاسلار
- د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت چەتئەللەردىكى تەشۋىقات خىزمەتلىرى ھەققىدە توختالدى