دىلشات رىشىت: "ۋاڭ لېچۈئەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رەھبىرى ئەمەس، ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئەڭ چوڭ جىنايەتچىسى"

0:00 / 0:00

ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 7 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا قايتا ئاپتونۇم رايونىنىڭ پارتكوم باش سېكرېتارلىقىغا سايلىنىشى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاسلار ھەمدە نارازىلىق قوزغىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا بايانات بەردى.

دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا "ۋاڭ لېچۈەن خەلقنىڭ ئىرادىسى بىلەن سايلانمىغان. بىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرۇشىنىڭ ئۆزى، بۇ جايدا ئاپتونومىيىنىڭ ئەمەلىلەشمىگەنلىكىنى، شۇنداقلا يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.