
1944-يىلى 12- نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان خاتىرىلەش پائالىيىتى قاينام-تاشقىنلىق بىلەن ئۆتتى.
ھەر يىلى 12-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىشكە ئادەتلەنگەن مەزكۇر مۇراسىمغا ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شتاتلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە ئىلمىي دوكلاتلار بېرىلگەندىن سىرت يەنە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى ئورۇنلاندى. قازاقىستاندىن كەلگەن مېھمانلار قاتارىدا ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىسى مەسۈمجان زۇلپىقاروۋ بىلەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، قازاقىستان ئۇيغۇر مىللىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاققاس ئابباس ئوغلىمۇ بار بولۇپ،16-نويابىر كۈنى ۋاققاس ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىمىزنى زىيارەت قىلغاندا مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي جەمئىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.
