نېمە ئۈچۈن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكىلەر نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەيدۇ ؟

0:00 / 0:00

بۇ يىل نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەر بۇيىچە بېرىلىدىغان مۇكاپاتى ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا " نېمە ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكىلەرگە مەزكۈر مۇكاپات بېرىلمەيدۇ" دېگەن تېما غۇل - غۇلا قىلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئەل گورنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى، بۇ مۇكاپات مەشھۇر ئادەملەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان، ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئويۇنى ئىكەن دېگەن قاراشلار تېما قىلىنغان ماقالىلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە.

ئۇنداقتا خىتايلارنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەسلىكىدە قانداق سەۋەبلەر بار؟ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبىل مۇكاپاتىنىڭ كۈچلۈك نامزاتى قىلىنىپ كۆرسىتىلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل نېمە؟

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ۋە زىيالىيلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلايسىز.