0:00 / 0:00
تەيۋەننىڭ سابىق پرزىدېنتى لى دېنغۇينىڭ ياپونىيىنى زىيارەت قىلىشىغا ۋىزا بېرىلگەندىن كېيىن، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالدى. خەۋەرلەردە، ياپونىيىنىڭ تەيۋەننىڭ 85 ياشلىق سابىق پرېزىدېنتى لى دېڭخۇيگە ۋىسا بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن، ياپونىيە – خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىۋاتقانلىقى سۆزلەڭەن.
ياپونىيىنىڭ لى دېڭخۇيگە ۋىزا بەرگەنلىكىنىڭ خىتاي – ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيە ياۋرو –ئاسىيا ستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. (ئەركىن تارىم)