0:00 / 0:00
يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىل شەخسىي تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بىر ئۇيغۇر ياش، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدا ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرىنىڭ بارغانسېرى كېمىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي تىلى بىلمىگەنلەرنىڭ داۋاملىق كەمسىتىشكە ئۇچراپ، ياشاش مۇمكىنچىلىكى يوق دىيەرلىك بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىدىن، ئاتا -ئانىلارنىڭ ئامال يوق ئۆز پەرزەنتلىرىنى پۇل تۆلەپ بولسىمۇ خىتاي تىلى مەكتىپىدە تەربىيىلەشكە مەجبۇر بولىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مەزكۇر ياش بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.