خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى مەسىلىلىرى كۆپ تەرەپلىمە بىر مەسىلىگە ئايلاندى


2007.04.12

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى قەدەممۇ- قەدەم ئەمەلىيلەشتۇرىۋاتقانلىقىغا بىر قانچە يىللار بولغان بولسىمۇ، بۇ يىلنى ئۇيغۇر ياشلىرى ئەڭ كۆپ ھەمدە تېز يۆتكىلىۋاتقان بىر يىل دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مەزكۇر پىلان ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئەمەلىيلىشىش جەريانىدا مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغانلىقى شۇنداقلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان ئەمگەك ھەققى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەمگەك ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى يېقىندىن بۇيان ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.

نۆۋەتتە بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلار بىردەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەمدە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، ئاياللار ھەمدە ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مەسىلىنىڭ تونىلىشى ھەمدە ئېتىبارغا ئېلىنىشى ئەھۋاللىرى ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.