0:00 / 0:00
يېقىندا، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، بالىلارنى ئىچكىرىگە ئىشقا ئەۋەتمەڭلار دىگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، نومۇسسىز ئادەم سودىگەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى قۇل ئورنىدا سېتىپ، تۈرلۈك - تۈمەن جىنايەت يوللىرىغا باشلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ دوكتۇر قاھار بارات ئەپەندى بىلەن، بالىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىشتىن ساقلىنىش ۋە شۇنىڭدەك ئاتا- ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسئۇللىيەتلىرى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز .