ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىشتىكى نومۇر چېكىدىكى پەرق بىكار قىلنماقچى


2004.12.15

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ تارماقلىرى ، 2005 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي بولمىغان مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشتىكى نومۇر چېكى پەرقىنى بىكار قىلماقچى بولغان . خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپنى ئومۇمى يۈزلۈك خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىگە ماس ھالدا ئوتتۇرىغا چىقارغان بۇ يېڭى قارارى، ئۇيغۇرلاردا ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا .

خىتايلاشتۇرۇش تىزلىتىلمەكتە

بىر نەچچە يىلدىن بۇيان يەنى يېڭى ئەسىر كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپىدىكى ئۆزگىرىشلەر تولىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا ، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى بەلگىلىگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى ۋە تىل مەدەنىيىتى ھەققىدىكى قانۇن ھەم سىياسەتلىرىگە پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش كىرگۈزمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ھەققىدە ئوچۇق ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان قارارلىرىدىن مەلۇم بولغاندەك نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە مائارىپقا ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگە بولغان ئاخباراتىغا قارىغاندا ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلدىن باشلاپ خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش نومۇر چېكى پەرقىنىمۇ بىكار قىلىشنى قارار قىلغان بولۇپ ،ئۇلار پىلانىدا بۇ پەرقنى 15 يىل ئىچىدە قەدەممۇ قەدەم پۈتۈنلەي بىكار قىلىدىكەن.

مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇشنى كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى

يىللاردىن بېرى خىتاي مائارىپ قانۇنىنىڭ 42 ۋە 43 - ماددىلىرىغا ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بەرگەن، خىتاي بولمىغان ئوقۇغۇچىلار خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن 100 نومۇردىن 150 نومۇرغىچە تۆۋەن نومۇر چېكى پەرقى بىلەن، ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىپ كەلگەن .بۇ تەدبىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭمۇ ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى تەڭشەش ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا بىلىم ئېلىش ۋە ماتېرىيال كۆرۈش شارائىتىنىڭ چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇرۇپ بېكىتكەن ئېتىۋار بېرىش سىياسىتى ئىدى .

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قاراتقان بۇ ئېتىۋار بېرىش سىياسىتىنىڭ بىكار قىلىنماقچى ئىكەنلىكى ھەققىدە شىنخۇئا تور بېتىدىكى خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قارارنى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى مۇئەيييەنلەشتۈرگەن ئاساستا چىقارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە ، ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1 - يىللىقىدىن باشلاپ خىتاي تىلى دەرسى تەسىس قىلغاندىن باشقا، بارلىق مىللىي ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئاساسەن خىتايچە دەرس ئۆتۈشكە تەربىيىلىۋاتقاچقا ۋە خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بولغاچقا، خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نومۇر چېكىدىكى بۇ خىل پەرقنى بىكار قىلىشقا بولىدىكەن .

ئۇيغۇرلار قانداق قارايدۇ؟

ئۇلارنىڭ قارىشىچە مىللىي ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش نومۇر چېكىدىكى بۇ پەرق خىتاي بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

ئەمما ئۇيغۇرلار "خىتاينىڭ مىللىي مائارىپقا قارىتا چىقارغان بۇ يېڭى قارارى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشىگە سەۋەپ بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش مائارىپىغا ئامالسىز ماسلىشىشقا مەجبۇر قىلىدۇ" دەپ قارىماقتا.

بۇ ھەقتە رادىئومىزغا تېلېفون ئۇلىغان بىر ئۇيغۇر نارازىلىقنى ئىپادىلەپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى چوڭ بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلى ئۆگىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ئۆلكىسىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ، بۇنىڭدىن كېيىن ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا خىتايلارغا ئوخشاش نومۇر ئۆلچىمىدە تەلەپ قويۇلسا ، ئۆز ئانا تىلى ئەمەس بەلكى خىتاي تىلىدا دەرس ئالغان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ھەقسىزلىك بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كادىرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردىكى مائارىپچىلار بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ؟ بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ پروگراممىمىزنىڭ داۋامىدىن ئاڭلاڭ.

داۋامىنى ئاڭلاڭ خىتاينىڭ مىللىي مائارىپقا قاراتقان يېڭى سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.