"يالتا كېلىشىمى ئەڭ چوڭ تارىخىي خاتالىق" دېگەن ئىقرار - نۆۋەتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ بايانات (1)

0:00 / 0:00

سىدىقھاجى روزى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى جەريانىدا، ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنت جورجى بۇش ئەپەندى "يالتا كېلىشىمى ئەڭ چوڭ تارىخىي خاتالىق" دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى. مۇلاھىزىچىلەر بۇ سۆزنى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەنگە ئوخشاش تەبرىكلەشكە تېگىشلىك ئۇلۇغ بايانات، چۈنكى ئەينى زاماندا ، سوۋېت ئىتتىپاقى يالتا كېلىشىمىدىكى گېتلېر "فاشىزىمىغا قارشى تۇرۇش" دېگەننى باھانە قىلىپ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى بېسىۋالسا، ئۇنىڭغا پۈتۈن دۇنيا سۈكۈت قىلغان شۇنداق بىر چوڭ خاتالىق يۈز بەرگەن ئىدى، دەپ تەھلىل قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە تۇرىۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.