
ئەنقەرەدىكى "ئاياز تاھىر تۈركىستان ئېدىل-ئۇرال ۋەخپى" ناملىق تەشكىلات "يېڭى تۈركىستاندىن تاللانغان ماقالىلار" ناملىق كىتابنى ئىستانبۇلدا نەشر قىلدى.
75 پارچە ماقالىدىن تەركىپ تاپقان 480 بەتلىك مەزكۇر كىتاب ۋەخىپ باشلىقى تۇلاي دۇران خانىم، سابىق دۆلەت مىنىستىرى ئەخەت ئەندىجان، قوچ ئۇنۋەرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى تۆمۈر خوجا ئوغلى قاتارلىقلار تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان بولۇپ، كىتابتا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم كىتابنى تەييارلىغۇچىلاردىن سابىق دۆلەت مىنىستىرى ئەخەت ئەندىجان ۋە قوچ ئۇنۋەرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى تۆمۈر خوجا ئوغلىنى زىيارەت قىلىپ، مۇزكۇر كىتابنىڭ چىقىرىلىشى ھەققىدە سوئاللارنى سورىدى.
مۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.