بارىن ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى زەيدىن يۈسۈپنىڭ يېقىن سەبدىشى ئابلەت نۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت (1)

0:00 / 0:00

ئىنقىلابنىڭ مەغلۇپ بولۇشى، ئىنقىلابنىڭ يوقىلىشى دېمەكتۇر. ئەمما، ئىنقىلابسىزلىق بولسا، مىللەتنىڭ يوقىلىشى دېمەكتۇر. پىشانىمىزگە "يوقالغان مىللەت" دېگەن ھاقارەتلىك تامغا بېسىلىشتىن ئاۋال ئىنقىلابسىزلىققا قارشى قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك.

بۇنىڭدىن 16 يىل ئىلگىرى، يەنى 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاسىتىغا تەۋە بولغان ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا، زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى، قوراللىق ھەركەت يۈز بەرگەنىدى. بۇ 70 –يىللارنىڭ باشلىرىدىكى شەرقى تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ قەشقەر رايۇنىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ، كۆلىمى ۋە تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغان قوراللىق ھەركەت ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي دائىرلىرى بۇ ھەرىكەتكە ئاز ساندىكى ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان، دۆلەتنى پارچىلاش مەقسەت قىلىنغان ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق توپىلاڭ، دەپ باھا بەرگەن بولسا، 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ ھەركەتنى ئېغىر تېررورلۇق ۋەقەسى، دەپ چۈشەندۈرمەكتە.

ئامما ئۇيغۇرلار بۇ ھەركەتنى زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ئەزىمەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھور ۋە ئىنسانچە ياشاش ئىرادىسىنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويغان، خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقنى مەقسەت قىلغان مىللى ئىنقىلاپ دەپ قارايدۇ.

بۇ ۋەقەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ۋاستىلار بىلەن باستۇرىلىشى دۇنيا جامائىتىنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغانىدى.

بارىن قوراللىق ئىنقىلابى قانداق شارائىتتا پارتلىدى؟ بۇ ھەركەتنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ پلان-مەقسەتلىرى نىمە ئىدى؟ خىتاي دائىرلىرى ئېيتقاندەك، بۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئاتالمىش بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەركىتىمۇ؟ دېگەندەك سوئاللار ھەققىدە ئۆز ۋاھتىدا بۇ ھەرىكەتكە چېتىلىپ، خىتاي تۇرمىلىرىدا ياتقان، شۇنداقلا بۇ ھەركەتنىڭ يولباشچىلىرىدىن زەيدىن يۈسۈپنىڭ يېقىن سەبدىشى بولغان، ئابلەت نۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابلەت ئەپەندى بارىن ۋەقەسىنىڭ ئالدىدا، زەيدىن يۈسۈپ تەرىپىدىن مارالبېشى ناھىيىسىگە، تەشۋىقات خىزمىتى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ھەركەت يۈز بېرىشتىن ئىككى ئاي بۇرۇن، خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. 1997-يىلى ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان، ئابلەت ئەپەندى 2000-يىلىدىن باشلاپ كانادادا ياشىماقتا.