بارىن ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى زەيدىن يۈسۈپنىڭ يېقىن سەبدىشى ئابلەت نۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت (2)

0:00 / 0:00

بىز ئالدىنقى پروگراممىمىزدا بارىن قوراللىق ھەركىتىنىڭ يولباشچىسى زەيدىن يۈسۈپنىڭ يېقىن سەبدىشى بولغان، ئابلەت نۇر ئەپەندى بىلەن زەيدىن يۈسۈپنىڭ ئەسلى پلانلىرى، بارىن ئىنقىلابىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن پارتىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىللار ۋە بۇ ھەركەتنىڭ يۈز بېرىش جەريانلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانىدۇق.

بۈگۈن بىز ئابلەت ئەپەندى بىلەن بۇ ھەركەت جەريانىدا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، بۇ ھەرىكەتكە قايسى پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك قىلغانلىقى ۋە بۇ ھەركەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان سىياسى كۆرەشلىرىگە قانداق تەسىر قىلغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.